-
توي قىلغان ۋە توي قىلش ئالدىدىكى قىزلار كۆرۈڭلار
مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ،ئۇنى كىم قانداق پاكىز،ھايالىق قەلبى گۈزەل بولۇشقا ئۈندەيدۇ،ئەلۋەتتە بۇلار ئائىلىدىن كەلگەن ،ئەگەر بىز مانا شۇنداق ئاياللاردىن بولۇشنى ئويلىساق نىمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەك : ئەلۋەتتە بىز ئۈچۈن شام كەبى كۆيىۋاتقان ئانىنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە ئىتىبار بىرىشىمىز كىرەك ،ئانىنڭ نەسىھىتىنى قىز-ئايال كىلىن بولۇڭ ئىتائەت بىلەن ئاڭلاپ ئۆگىنىشڭىز تەربىيە ئىلىشىڭىز لازىم.مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشى ئائىلىسىگە ئوبدان كۆز-قۇلاق بولۇشى ئۈچۈن دانا ئانىلار ئۇلارغا 10تۈرلۈك نەسىھەتنى قالدۇردى ،ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆينىڭ تۈۋرىكىگە ئوخشاش قىز –ئاياللىرىمىزنىڭ قۇلىقىدا بولۇشى كىرەك ئۇنىڭ قايسى بىرى سۇنۇپ كەتسە ،بۇ ئۆيدە تۇرماق خەۋىپلىكتۇر:
1.قانەئەت،شۈكۈرچان بول ،ئۆز كۈنىڭگە شۈكرى قىل ،ئىرىڭ ئۆيگە نىمە ئىلىپ كەلسە شۈكرى قىلىپ تەشەككۇر بىلدۇر،خەق ئۇنى يەيدىكەن ئۇنى كىيىدىكەن دەپ ھال ئىيتما،بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ بىر يولى شۈكۈر..............
2.ئىرىڭگە ئىتائەت قىل ،قىل دىگەننى قىل ،قىلما دىگەننى قىلما،يەنى ئىرىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئىتائەتلىك بولۇشىڭ،ئۇنىڭ گىپىنى قۇلاق سىلىپ ئاڭلىشىڭ ،جايىدا پىكىر –مەسلىھەت بىرەلەيدىغان بولۇشىڭ كىرەك شۇندىلا ئىرىڭ سەن بىلەن سۆھبەتلىششكە ئامراق بولىدۇ،ئۆيىڭىز سائادەت نۇرىدىن پارلاق بولىدۇ....
3.ئىرىڭنىڭ كۆزى چۈشۈپ تۇرىدىغان جايلارنىڭ تازلىقىنى پاكىز قىل .يەنى ئۆينىڭ ئىچىنى سىرتىنى پاكىز تۇتۇت ئىرىڭنىڭ كۆزىگە مەينەت جايلار كۆرۈنمىسۇن.
4.ئۈستى –بىشىڭنى پاكىز تۇت،ئىرىڭ پەقەت خۇشبۇيلۇقنى سەزسۇن ئىرىڭنىڭ بۇرنىغا بەدبۇي پۇراق پۇرىمىسۇن،بەدبۇي پۇراقلار ئىرىڭنىڭ ئالدىدا سىنىڭ ھۆرمىتىڭنى يەرگە ئۇرىدۇ..يەنى شۇنى بىلگىنكى گۈزەللىك پاكىزلىق ئاياللارنىڭ زىننىتى ....بۇنى گىرىم بىلەن ئەمەس بەلكى پاكىزلىق بىلەن تاپىسەن. `
5. ئىرىڭنىڭ تاماقلىنىش ۋاقتىغائالاھىدە ئىتىبار بەر ،ۋاقتىنى كىچكتۈرمە،تاماقلارنى ۋاقتىدا تەييار قىلىپ داستىخانغا ئەكىلىپ بول ،شۇنى بىلگىنكى ئاچلىق كىشىنىڭ ئاچچىقىنى قەھرىگە چىقىرىدۇ.
6.ئىرىڭنىڭ ئۇخلاش ۋە ئويغىىش ۋاقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىل ،ئۇخلاش ۋاقتىدا ئۇرۇنىنى چىرايلىق سىلىپ قوي ،ئۇخلىشىغا تەسىر يەتكۈزمە،چۈنكى ئۇيقۇسىزلىق ئادەمنىڭ ئەقىلنى چىچىپ خاپا قويىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىدا غەزەپ پەيدا بولىدۇ.
7.ئىرىڭنىڭ مال –دۇنياسىنى ساقلاشقا ماھىر بول ،ئۇنى قوغدا،ئاۋايلاپ خەجلە،ئىسراپخورلۇق قىلما،چۈنكى ئۇنىڭ مال –دۇنياسى سىنىڭ مال –دۇنيارىڭ....
8.ئىرىڭنىڭ ئۇرۇق –تۇققانلىرىغا خەيىر-ساخاۋەت قىل ،يەنى قىرىنداشلىرىنى ھۆرمەت قىل ئۇلارنى ھۆرمەت قىلغىنىڭ ئىرىڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغىنىڭ،بۇ ئۆي تۇتۇشتىكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى .....
9.ئىرىڭنىڭ سىرىنى باشقىلارغا ئىيتما،ئىرىڭ بەزى سىرلىرىنى ساڭا ئىيتقاندا ئىھتىيات قىلىپ ئۇنى ساقلا.باشقىلارغا ئىيتىپ يۈرمە،ئەگەر ئىيتىپ قويساڭ ئۇنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويىسەن ئىشەنچىنى يوقىتىسەن ئىشەنچ يوق ئائىلە زۇۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.
10.ئىرىڭنىڭ دىنغا توغرا كەلگەن بارچە بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىل ، ھەرگىز باش تارتما ،ئىرىڭنىڭ بۇ خىلدىكى بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلساڭ ئىرىڭنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرىنىسەن ....
بۇ 10خىل نەسىھەتنى قۇلاقتا تۇتۇپ ئىرىڭغا شەكسىز ئىشەنچ باغلاپ ئۇلتۇرساڭ ئائىلەڭ گۈللەنگۈسى، ئائىلەڭ بەختلىك بولىدۇ.جەمئىيەتمۇ مۇستەھكەم ،ئائىلىلەر ئىناق بولۇپ جەمئىيەتتىكى باشپاناھىسىز ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز،شۇندا ھارام ئاز بولىدۇ،بۇنى قوبۇل قىلىشنى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق باشقىلارمۇ بىزگە قاراپ تەربىيە ئالسا ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
مەنبە: تەرمىلەر تورى -
رەسىم - [رەسىملەر دۇنياسى]
2012-04-24
-
« تە ياخشى» ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش شەرتلىرى 3 - [مائارىپ توغىرسىدا]
2012-04-24
-
«3 تە ياخشى» ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش شەرتلىرى
سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتە
ئىدىيىۋى- سىياسى جەھەتتە ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرلەش روھى بولۇش، پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلى ئورۇنلاشتۇرغان ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئىپادىسى كۆرنەرلىك بولۇش، پارتىيىمىزنىڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى ھىمايە قىلىش، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى چوڭ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەمدە جەمئىيەتكە پايدىلىق ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتىنىشىش، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە باغلىيالايدىغان بولۇش، توغرا بولغان سىياسىي ئىدىيە، نۇقتىئىنەزەر كۆز قارىشىنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى توغرا مۇلاھىزە قىلىش ۋە ھەل قىلالايدىغان بولۇش، توغرا بولمىغان ئىدىيە ۋە قىلمىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قارىشى تۇرالايدىغان، تەنقىد بېرەلەيدىغان بولۇش.
ئەخلاقىي پەزىلىتى
ساۋاقداشلار ئارا ئىتتىپاقى ياخشى بولۇش، كوللىكتىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى بولۇش، بارلىق زېھنى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان بولۇش، ئىش قىلغاندا ئادىل بولۇش، «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دائىملىق ھەرىكەت مىزانى» نى ھەم «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر كۈنلىك ھەرىكەت نىزامى» نى ئىجرا قىلىشتا ئۈلگە بولۇش، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، جامائەت مۈلۈكىنى ئاسراش، تۇرمۇشتا ئاددا- ساددا بولۇش، قىزغىنلىق بىلەن باشقىلارغا ياردەمدە بولۇش، ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق، باتۇر سەمىمى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى كۆرنەرلىك بولۇش، شۇنداقلا ياخشى تازلىق ۋە ئەمگەك ئادىتى، مەدەنىيەت ساپاسى بولۇش.
ئۆگىنىش جەھەتتە
ئۆگىنىش مەقسىدى ئېنىق، ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى توغرا بولۇش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئادىتى بولۇش، ئادەتتە كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىدىغان، قىتىقىنىپ مۇلاھىزە قىلىدىغان بولۇش، ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ئىقتىدارنى مۇستەھكەم ئىگىلىگەن بولۇش، ھەمدە ئۆگىنىشتە ئالاھىدىلىكى ۋە كەڭ دائىردىكى بىلىمى بولۇش، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولۇش.
ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۆلچىمى: سىياسەت، تىل- ئەدەبىيات، ماتېماتكا، چەتئەل تىلى، (خەنزۇتىلى) قاتارلىق ئاساسىي پەنلەردىكى نەتىجىسى 85 نۇمۇردىن يۇقىرى بولۇش (خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى دەرىجىلىك)، باشقا دەرسلەردە 70 نۇمۇردىن يۇقىرى بولۇش.
بەدەن سۈپىتى جەھەتتە؛ تىنى ساغلام بولۇش، بەدەن چىنىقتۇرۇش ۋە ھەر خىل مەشىقلەرگە ئەستايىدىل قاتنىشىش، تەنتەربىيە نەتىجىسى ياخشى (85 دىن يۇقىرى) ياكى مەلۇم تۈردە كۆزگە كۆرنەرلىك نەتىجىسى بولۇش، ئالىيجاناپ پەزىلىتى ۋە قەيسەر ئىرادىسى بولۇش، ئۆز- ئۆزىنى سۆيدىغان، ئۆز- ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، يالغان گەپ قىلمايدىغان، كەمتە، سەمىمى قاتارلىق ياخشى پىسخىك ئالاھىدىلىكى بولغان بولۇش.
-
-
-
I باھالاش كۆرسەتكۈچ سېستمىسى ۋە ۋەزىن تەقسىماتى
1. خىزمەت مىقدارى (40 نومۇر)
2. ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقى (12نومۇر)
3. سىياسى ئىدىيىۋى سۈپىتى (8 نومۇر)
4. دەرسخانا ئوقۇتۇشى (9 نومۇر)
5. ئوقۇتۇش لاھىيىسى ( 10 نومۇر )
6. كەسپى ئىمتىھان نەتىجىسى (7 نومۇر )
7. ئوقۇتۇش – تەتقىقات نەتىجىسى ( 7 نومۇر )
8. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش تېخنىكا سەۋىيىسى ( 7 نومۇر )
9. مۇكاپات نومېرى (كۆپ بولغاندا 20 نومۇر )
(1) خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى ( 5 نومۇر )
(2) خىزمەت قىزغىنلىقى ( 5 نومۇر )
(3) باشقا ئالاھىدە مۇكاپات نومۇرلىرى
ئىزاھات: 1) باھالاش كۆرسەتكۈچ سېستىمىسى ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ،قىسمەن تەڭشىلىدۇ.زۆرۈر تېپىلغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ باھالاش تۈزۈملىرىدىن ئېلىنغان ئىمتىھان نەتىجىسى ئايرىم بىر باھالاش تۈرى قىلىنىدۇ.2) 64 – يىل 1 – ئاينڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بارلىق ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى ۋە خەنزۇ تىلىدىن ئېلىنغان ئىمتىھانغان قاتناشتۇرىلىدۇ.
II خىزمەت مىقدارى ۋە ئۇنى ھىساپلاش
1. خىزمەت مىقدارى ئوقۇمى
ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت مىقدارى ئوقۇتقۇچىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئىشلىگەن ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنىڭ يىغىندىسىدۇر.خىزمەت مەزمۇنىغا ئاساسەن بۆلگەندە،ئوقۇتۇقۇچىنىڭ خىزمەت مىقدارى ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى ۋە غەيرى ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرگەن خىزمەت مىقدارى بولۇپ،دەرس تەييارلاش خىزمەت مىقدارى،دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارى،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش خىزمەت مىقدارى،ئىشتىن سىرتقى تەكرارلاش خىزمەت مىقدارى،ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش خىزمەت مىقدارى،ئىككنىچى دەرسخانا خىزمەت مىقدارى،ئوقۇتۇش – تەتقىقات خىزمەت مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.غەيرى ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى بولسا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئومۇمى خىزمەت مىقدارىدىن ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى خىزمەت مىقدرى بولۇپ،سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت مىقدارى،يىغىن خىزمەت مىقدارى،سىياسى ئۈگىنىش خىزمەت مىقدارى،تەشكىللەش،ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مىقدارى ۋە خانىلار خىزمەت مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. ئورۇنلاشقا تېـگىشلىك خىزمەت مىقدارى
مەلۈم بىر باسقۇچتىكى ئەمەلى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان سائەت سانىنىڭ يىغىندىسى مۇشۇ باسقۇچتىكى ئورۇنلاشقا تېگىشلىك خىزمەت مىقدارى دەپ ئاتىلىدۇ.ئادەتتە،بىر ھەپتە ( بەش كۈن ) تولۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان بولسا،ھەپتىلىك ئورۇنلاشقا تېگىشلىك خىزمەت مىقدارى 40 سائەت بولىدۇ.بىر ماۋسۇملۇق ئورۇنلاشقا تېگىشلىك خىزمەت مىقدارى مۇشۇ ماۋسۇم ئىچىدىكى خىزمەت ھەپتە سانىغا 40 سائەتنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىرىلىدۇ.سىرتقا كاماندروپكىغا چىقىش.(خىزمەت،ئۈگىنىش،يىغىن،تەربىيلەش قاتارلىقلار)سەۋەبىدىن سەرپ قىلىنغان ۋاقىت ئورۇنلاشقا تېگىشلىك خىزمەت مىقدارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.
3. خىزمەت مىقدارىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنى ھىساپلاش
1) دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارى
دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارى ئۆتۈلگەن دەرس سائەت سانى،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش،دەرس لاھىيىسى،دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە ئوقۇتۇش نەتىجىسى قاتارلىقلارغا بېرىلگەن باھا ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىلىدۇ.ئادەتتە،تاپشۇرۇق،دەرس لاھىيىسى،دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە ئوقۇتۇش نەتىجىسى قاتارلىق تۈرلەر A,B,Cدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىدۇ.ئەگەر بۇ تۈرلەرگە بېرىلگەن باھا ئوخشاشلا B بولسا، دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارى ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ ئۆزى بولىدۇ.بۇ تۈرلەرگە بېرىلگەن باھالاردىكى ھەر بىر A دەرىجە ئۈچۈن،ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ % 20 ئى دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارىغا قوشۇپ بېرىلىدۇ.بۇ تۈرلەرگە بېرىلگەن باھالاردىكى ھەر بىر C دەرىجە ئۈچۈن،ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ % 20 دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.
2) تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش خىزمەت مىقدارى
ئەگەر بۇ تۈردە A باھالانسا،ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىچىلىك، B باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ % 80 ئىچىلىك، Cباھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ % 60 ئىچىلىك خىزمەت مىقدارى ھىساپلىنىدۇ.
3) دەرس لاھىيىسى خىزمەت مىقدارى
ئادەتتىكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا نىسبەتەن،ئەگەر C باھالانسا،ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىچىلىك خىزمەت مىقدارى ھىساپلىنىدۇ.B باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ % 40 ئى، A باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ بىر ھەسسىسى قوشۇپ بېرىلىدۇ.مۇھاكىمىلىق دەرس،ئۈلگىلىك دەرس،ئوچۇق دەرسلەرگە يەنە ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىدۇ.بۇ خىل دەرسلەر ئەگەر C باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسى، B باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىىڭ 4 ھەسسىسى، A باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىىڭ 6 ھەسسىسى قوشۇپ بېرىلىدۇ.
4) سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت مىقدارى
① ھەر ھەپتىدە بىر تۇتاش ئىككى سائەت(دەرس سائىتى) ۋاقىت مىقدارى ھىساپلىنىدۇ.② سىنىپ خىزمىتى ھەر ئايدا تۆت نىسبەت خۇلاسىسىغا ئاساسەن،تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، A باھالانسا ھەپتىسىگە 4 سائەت، B باھالانسا ھەپتىسىگە 3 سائەت، C باھالانسا ھەپتىسىگە 2 سائەت،D باھالانسا ھەپتىسىگە 1 سائەت ۋاقىت يېزىلىدۇ.③ ماۋسۇم ئاخىرىدا يەنە سىنىپ خىزمىتىدىكى دەرىجىسىگە ئاساسەن،ئايرىم – ئايرىم ھالدا 6 سائەت،5 سائەت،4 سائەت،3 سائەت ۋە 2 سائەت خىزمەت ۋاقىت يېزىلىدۇ.④ ھىساپلاپ چىقىرىلغان بارلىق ئومۇمى ۋاقىت % 60 گە كۆپەيتىلىپ،دەرس خىزمەت مىقدرىغا ئايلاندۈرىلىدۇ.
قاپلان
2007-11-20 10:03:51
5) رەھبەرلىك خىزمەت مىقدارى
6) ماتېرىيال يېزىش خىزمەت مىقدارى
پىلان،خۇلاسە،ئۇچۇر يېزىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن،نورمال ئەھۋالدا كېتىدىغان ۋاقىت مىقدارى ئىمكانقەدەر توغرا مۆلچەرلىنىدۇ ھەمدە سەرپ قىلىنغان ۋاقىتنىڭ % 60 ئى خىزمەت مىقدارىغا ھىساپ قىلىنىدۇ.قانداق ماتېرىيال،قانداق پىلان ياكى خۇلاسە يازغانلىقى خۇلاسە جەدۋىلىگە ئېنىق خاتىرلىنىشى لازىم.
7) يىغىن،سىياسى ئۈگىنىش،كەسپى ئۈگىنىش ۋە ئوقۇتۇش – تەتقىقات پائالىيىتى،ئىككىنىچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش،بايراق چىقىرىش – چۈشۈرۈش،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلەر سەرپ قىلىنغان ۋاقىتنىڭ % 60 ئى بويىچە خىزمەت مىقدرىغا ئايلاندۈرىلىدۇ.
8) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت مىقدارىنىڭ بېكىتىلىشى
يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى خادىملىرىغا كونكىرت خىزمەت تەقسىم قىلىنىدۇ ھەمدە مۇناسىپ خىزمەت مىقدارى بېكىتىلىدۇ(تەپسىلى مەزمۇنلار " قۇمباش ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لاھىيىسى" دە كۆرىلىدۇ.)
(1) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىش.( 3 سائەت )
(2) كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇمباش ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى تۈزۈش. ( 5 سائەت )
(3) كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتەپ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمى پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش. ( 5 سائەت )
(4) مەكتەپنىڭ كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈش( 5 سائەت )
(5) كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمى خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش.(ھەپتىسىسىگە 2 سائەت )
(6) كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي بۆلۈمنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش.( 3 سائەت )
(7) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى بېكىتىش.( 3 سائەت )
(8) ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىن بۇرۇن،كېيىنكى ھەپتە ئىچىدە كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ،ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى بېكىتىش ھەمدە ھەپتە ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىش.( ئايدا ئىككى قېتىم كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلىدىغان مۇھاكىمىلىق ئوچۇق دەرس ئۆتكۈچى خادىمنى ئەكبەر ياسىندىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.ھەر ھەپتىسىگە بىر سائەت خىزمەت مىقدرى يېزىلىدۇ)
(9) ھەر ئايدا بىر سائەت كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ،مۇھاكىمىلىق دەرس ئۆتۈش. (ئەگەر شۇ سائەتلىك دەرس A باھالانسا بىر سائەتلىك دەرس 3 سائەتلىك،Bباھالانسا 2 سائەتلىك، Cباھالانسا 1.5 سائەتلىك خىزمەت مىقدارى ھىساپلىنىدۇ.ئەگەر D باھالانسا ھەسسىلەنمەي،ئۆزى يېزىلىدۇ.)
(10) ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش(مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلەپكە يېتىش ئەھۋالى تۆت دەرىجە بويىچە خۇلاسە قىلىنىدۇ. A باھالانسا تەربىيلىگۈچىگە 6 سائەت، Bباھالانسا 5 سائەت،باھالانسا 4 سائەت، D باھالانسا 3 سائەت خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(11) چۈشكەن ئۇچۇرلارنى ئۆز ۋاقتىدا پەنلەر ۋە دەرسلەر بويىچە ئوقۇتقۇچىلارغا ئېلان قىلىش( ئىشخانىلارغا چاپلاشقا بولىدۇ،بىر قېتىم چاپلاش ئۈچۈن 1 سائەتلىك خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(12) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىلان بويىچە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالىنى خۇلاسە قىلىش ۋە نازارەت قىلىش. (ھەر ھەپتىلىكى بىر سائەتلىك خىزمەت مىقدارىغا سۇندۇرىلىدۇ)
(13) ھەر كۈنلۈك دەرس ئارىلىقى چوڭ پائالىيەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارغا دەرس ئۆتۈش.( بىر سائەتلىكى بىر سائەتلىك خىزمەت مىقدرىغا سۇندۇرىلىدۇ)
(14) ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان پىكىر – تەلەپلىرىنى ئېلىش ۋە رەتلەپ،رەھبەرلىك گۇرۇپپىغا ئىنكاس قايتۇرۇش.(بىر سائەتلىك خىزمەت مىقدرىغا سۇندۇرلىدۇ)
(15) ئۇچۇر تېخنىكىسى تەربىيىسىنىڭ تەشۋىقات مۇھىتىنى بارپا قىلىش.(ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(16) ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى خادىملىرىنىڭ كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش.(تەربىيلەش پىلانى يېزىش،ئۈگىنىش ئېلىپ بېرىش،مۇھاكىمە ۋە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ،ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(17) ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى ئاڭلاشقا تەشكىللەش.(ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى مەسئۇللىرىدىن دەرس ئاڭلايدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئالىدۇ،ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(18) ئايدا ئىككى قېتىم كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلىدىغان مۇھاكىمىلىق ئوچۇق دەرسنى ئورۇنلاشتۇرۇش.(ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(19) گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ دەرس تەييارلىقلىرىدا كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(20) گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن،ئۆز گۇرۇپپسىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن كېيىنكى ھەپتە ئىچىدە كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى بېكىتىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(21) گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ئۆز گۇرۇپپسىدىكى كومپيوتېر تورىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(22) مەسئۇل خادىم بارلىق كومپيوتېرلار ۋە كومپيوتېر تور يولىنىڭ راۋانلىقى شۇنداقلا يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(23) مەسئۇل خادىم ھەر ئايدا ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ئىككى يۈرۈش دەرسلىك يۇمشاق دېتالى ياساش ۋە ئەمەلى قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.(يۇمشاق دېتالنى باھالاش ئارقىلىق،خىزمەت مىقدارى بېكىتىلىدۇ)
(29) مەسئۇل خادىم تۆت جەدۋەلنى ۋاقتىدا تولدۇرۇپ مېڭىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(30) مەسئۇل خادىم يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ بارلىق مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇش.مەكتەپ مۇقىم مۈلۈك دەپتىرىدىكى ىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر تىزىملىكى ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان چىقملار تالونىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ساقلاش(ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(31) مەسئۇل خادىم ماۋسۇم ئاخىرى(2007 – يىل 2 – ئاي)غىچە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئىشخانىسىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۈچ نەپەر خادىمنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش.(تەربىيلىگەن ئەمەلى ۋاقتى ۋە تەربىيلەش ئۈنۈمىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ.)
(32) ئۇچۇر مەنبەلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
(33) كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈش.(ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)
-
-
رەسىم - [رەسىملەر دۇنياسى]
2012-04-24

-
چۈش تەبىرى جۇغلانمىلىرى - [نادىر تەرمىلەر]
2012-04-24
1 - قەۋرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە، گۇناھى ئازلىغان بولۇر .
2 - مەسچىتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خۇدانىڭ خەزىنەسىدۇر .
3 - مەسچىتتە ناماز ئوقۇپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يىتەر .
4 - چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە، شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يىتەر .
5 - كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرگەي .
6 - تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي .
7 - ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يىتەر .
8 - تۈتۈن ئىسنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئازاپقا گىرىپتار بولۇر .
9 - ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بىر يەردىن سوۋغات خەۋىرى كىلۇر .
10 - ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە، ئۆزىگە زىياندۇر . !
11 - تۆمۈر ئەسۋاپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پەرزەنتى كۆپ بولغاي .
12 - قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، چوكان ئالۇر .
13 - ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە، دۈشمەن قەست قىلۇر .
14 - توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت نىسىپ بولۇر .
15 - قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە، يامان خەۋەر كىلۇر .
16 - پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
17 - قۇچقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، غەمكىن بولۇر .
18 - كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى ئالىم بولۇر .
19 - لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى باتۇر بولۇر .
20 - دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس .
21 - بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى نەغمىچى بولۇر .
22 - قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، راست سۆزلۈك بولۇر .
23 - ھۆپۈپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى بىخىل بولۇر .
24 - ئاسماندا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە بولۇر .
25 - ئىگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە، سەپىرى سالامەت بولۇر
26 - كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يىتەر .
27 - ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
28 - خامان تېپىپ چۈش كۆرسە، خەلىققە باشلىق بولۇر .
29 - كىيىك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، نېمەتكە داخىل بولۇر .
30 - كالا قوغلاپ كېتىپ چۈش كۆرسە، ئۇلۇغلارنىڭ نەزىرىدىن يىقىلۇر .
31 - كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە، يۇرتىغا خەتەر يىتەر .
32 - كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە، ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر .
33 - قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە، تەقسىم نۆۋىتى كىلۇر .
34 - پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى يىتىم بولۇر .
35 - ئۆچكە جېننىڭ سۈرىدۇر .
36 - ئوغلاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مەككار پەرزەنت كۆرەر .
37 - مال بىقىپ چۈش كۆرسە، خەلىققە باشلىق بولۇر .
38 - تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە، ئەۋلىيالارنىڭ غەزىپىگە ئۇچرار .
39 - تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
40 - مىكىيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تىگەر .
41 - تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرمەس .
42 - تۇخۇم چىقىلىپ چۈش كۆرسە، پەرزەنتى تۇرماس .
43 - قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
44 - ئىت قەست قىلىپ چۈش كۆرسە، دۈشمەن سۈرىدۇر .
45 - شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
46 - چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە، رەنجىگە گىرىپتار بولۇر .
47 - جىڭ-تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، داۋاگەر بولۇر .
48 - كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئابرۇيلۇق بولۇر .
49 - گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر .
50 - قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە، غەمدىن قۇتۇلار .
51-پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۈرسە،خوتۇن ئالۇر.
51-قىز بالا كۈرۈپ چۈش كۈرسە،ئۈمرى ئۇزۇن بولۇر.
53-زىنا قىلىپ چۈش كۈرسە،غۇسلى تاھارەت ئېلىپ يۇيۇنسۇن،مۇرادىغا يىتەر.
54-ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۈرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە،سول قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۈرسەقىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر.
55-بەدىنىگە موي چىقىپ چۈش كۈرسە،پۇل-مېلىغا زىيان يېتەر.
56-ھايۋاننىڭ تېزىكىنى تېرىپ چۈش كۈرسە،ئۈمرى مۈشەققەتتە ئۈتەر.
57-ئۈيگە كىرىپ چۈش كۈرسە،غەمگە قالور.
58-ئۈيدىن چىقىپ چۈش كۈرسە،غەمدىن قۇتۇلار.
59-ئۈيگە سۇ كىرىپ چۈش كۈرسە،ئۈيىگە بەرىكەت كىلور.سۇ بەرىكەتنىڭ،نىجاسەت دۈنيانىڭ سۈرىدۇر.
60-ئۈيگە ئوت كېتىپ چۈش كۈرسە،قەستكە ئۇچرار.
61-دەريا كۈرۈپ چۈش كۈرسە،مەرتىۋىسى ئۈسەر.
62-سۇغا چۈشۈپ كېتىپ چۈش كۈرسە،ھاجىتى راۋان بولۇر.
63-كېمىگە چىقىپ چۈش كۈرسە،يۈزدە يۈز مەرتىۋە تاپار.
64-بېلىق تۇتۇپ چۈش كۈرسە،رىزقى كۈپ بولۇر.
65-ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۈرسە،مۇرادىغا يېتەر.
66-ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۈرسە،خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۈي بۇزۇلۇر.
67-ئاتتىن يىقىلىپ چۈش كۈرسە،خوتۇندىن يامانلىق كېلۇر.
68-يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مېنىپ چۈش كۈرسە،خوتۇنى كېسەل بولۇر.
69-قوغۇن يەپ چۈش كۈرسە،رېزقى كۈپ بولۇر.
70-ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۈرسە، خەقتىن ئىزا_ئاھانەت ئاڭلار.
71-ياڭاق كۈرۈپ چۈش كۈرسە،جۇداغا قالۇر.
72-كۈك ئۈزۈم يەپ چۈش كۈرسە،يىغا زارىلىق بولۇر.
73-غەلۋىر كۈرۈپ چۈش كۈرسە،ۋەيرانلىققا قالۇر.
74-ئۈتكەمە كۈرۈپ چۈش كۈرسە،غەمگە قالۇر.
75-خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۈرسە قىزدۇر.
76-ئالما كۈرۈپ چۈش كۈرسە،دىدار كۈرۈشەر.
77-چىلان كۈرۈپ چۈش كۈرسە،بالىسى دوختۇر بولۇر.
78-جىگدە كۈرۈپ چۈش كۈرسە،نائەھلى بىلەن دوسىت بولۇر. !
79-تولا يىغلاپ چۈش كۈرسە،كېسەل بولۇر.
80-گۈر كولاپ چۈش كۈرسە،ھاجىتى راۋان بولۇر.
81-ھەرە كۈرۈپ چۈش كۈرسە،بىراۋدىن ئازارلىنۇر.
81-ھېندى كۈرۈپ چۈش كۈرسە،قارىغۇ پەرزەنت كۈرەر.
82-چېچەك كۈرۈپ چۈش كۈرسە،ئۈمرى راھەتتە ئۈتەر.
83-شېكەر ناۋات كۈرۈپ چۈش كۈرسە، خوشاللىق بولۇر.
84-جەڭ قىلىپ چۈش كۈرسە،كىسەل بولۇر.
85-قاپاق كۈرۈپ چۈش كۈرسە،كېسەلدىن شىپا تاپار.
86-قۇلىقى گاس بولۇپ چۈش كۈرسە،بەتنام سۈزدىن قۇتۇلار.
87-بوغۇز تۈگە كۈرۈپ چۈش كۈرسە،جان ئالغۇچىنىڭ سۈرىدۇر.
88-كەكلىك كۈرۈپ چۈش كۈرسە،ئاللا جۇپ پەرزەنىت بىرۇر.
89-سېۋەت كۈرۈپ چۈش كۈرسە،مەرتىۋىسىدىن چۈشەر.
90-سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۈرسە،ئالىم پەرزەنىت كۈرەر.
91-سۈرە ياسىن ئوقۇپ چۈش كۈرسە، خۇدا دوزاخ ئازابىدىن ساقلار.
92-تاھارەت ئېلىپ چۈش كۈرسە،ئابرويى ئۈسەر.
93-روھ كۈلۈپ چۈش كۈرسە،ئازاپ تارتقاننىڭ سۈرىدۇر.
94-روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۈرسە،مەدەت قىلغاننىڭ سۈرىدۇر.
95-روھ ئۇرۇپ چۈش كۈرسە،ساقايماس كېسەلگە قالۇر.
96-روھ ئىززەتلەپ چۈش كۈرسە،ئۈز يىنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۇر.
97-روھ سۈزلىسە راست سۈزلىگەي.
98-روھ تائام بېرىپ چۈش كۈرسە،دۇئا تەلەپ قىلغاندۇر.
99-روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۈرسە،گۇناھى تۈكۈلەر.
100-تۈگمەن قۇرۇق چۈرگىلەپ چۈش كۈرسە،قۇرۇق سۈز قۇرۇق تۈھمەتكە قالۇر.
101-يامغۇر يېغىپ چۈش كۈرسە،ئەرزانچىلىق بولۇر.
102-ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۈرسە،مەرتىۋىلىك بولۇر.
103-كۈننى كۈرۈپ چۈش كۈرسە،خۇدانىڭ جامالىدۇر.
104-كۈن تۇتۇلۇپ چۈش كۈرسە،خەلىق زۇلۇمدا قالغاي.
105-يېڭى ئاي كۈرۈپ چۈش كۈرسە،پەرزەنىت كۈرگەي.
106-يۇلتۇز كۈرۈپ چۈش كۈرسە،مۇرادىغا يىتەر.
107-ئۈلكەر يۇلتۇز كۈرۈپ چۈش كۈرسە،پەرىشتىلەردىن مەدەت بولۇر.
108-يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۈرسە،بىر ئالىم ۋاپات بولۇر.
109-يەر تەۋرەپ چۈش كۈرسە،گۇناھلار كۈپلۈگىنىڭ ئالامىتىدۇر.
110-باش غايىپ بولۇپ چۈش كۈرسە،ئەجىلى يىقىنلاشقانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
111-باش چۈشۈرۈپ چۈش كۈرسە،يېرىم ھەج ساۋابى بولۇر.
112-چېچى ئۇزۇن ئۈسۈپ چۈش كۈرسە،قەرزدار بولۇر.
113-كۈزى كۈر بولۇپ چۈش كۈرسە،تېنەپ قالۇر.
114-بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۈسە،ئەيىبى ئاشكارە بولۇر.
115-ئاق تون كېيىپ چۈش كۈرسە،ماتەمدار بولۇر.
116-كۈك تون كىيىپ چۈش كۈرسە،يىغا زارىلىق بولۇر.
117-يالاڭ ئاياق بولۇپ چۈش كۈرسە،گۇماندىن خالاس بولۇر.
118-لاي سۇ كۈرۈپ چۈش كۈرسە،مىھنەتلىك بولۇر.
119-سۈزۈك سۇ كۈرۈپ چۈش كۈرسە،ئۈمرى ئاز قالغاندۇر.
120-قان كۈرۈپ چۈش كۈرسە،دۈشمىنى بىلەن دوست بولۇر.
121-سارنى كۈرۈپ چۈش كۈرسە،پاسىق بىلەن دوست بولۇر.
122-تۈلكە كۈرۈپ چۈش كۈرسە،ھىيلىگەر بىلەن دوست بولۇر.
123-گۈرنى كۈرۈپ چۈش كۈرسە،غەمسىز بولۇر.
124-كىپەن كىيىپ چۈش كۈرسە،ئۈمرى ئۇزۇن بولۇر.
125-جىنازا كۈرۈپ چۈش كۈرسە،خەلىققە چوڭ ئاپەت بولۇر.
126-ئۈلۈك تىرىلىپ چۈش كۈرسە،روھ ئاجىزلىغانلىقنىڭ سۈرىدۇر.
127-روھ يىغلاپ چۈش كۈرسە،روھقا بىھۇش نىسىپ بولغانلىقنىڭ سۈرىدۇر.
128-روھ بىر نەرسە بىرىپ چۈش كۈرسە،قوللىغاننىڭ سۈرىدۇر.
129-روھ يىنىغا تارتىپ چۈش كۈرسە، ئۈز يىنىغا تارتقانلىق سۈرىدۇر.
130-ساندۇق كۈرۈپ چۈش كۈرسە،كەسپى راۋاج تاپار.
131-كوزا چېقىلىپ چۈش كۈرسە،خۇتۇنىنىڭ تۇغۇتى تەس بولۇر.
132-تاۋاق كۈرۈپ چۈش كۈرسە،پەرزەنىت كۈرەر.
133-ئالتۇن كۈرۈپ چۈش كۈرسە،ئىماندىن ئاجراش خەۋپى بار.
134-كۈمۈش كۈرۈپ چۈش كۈرسە،دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر. !
135-داچەن كۈرۈپ چۈش كۈرسە،پۇشايمانغا قالۇر.
136-ئۈزۈك كۈرۈپ چۈش كۈرسە،بالىسىنىڭ بىرەر ئەزاسى كەم بولۇر.
137-ئەينەك كۈرۈپ چۈش كۈرسە،سەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر.
138-ئەينەككە قاراپ چۈش كۈرسە،دىدار كۈرۈشەر.
139-بۇغداي كۈرۈپ چۈش كۈرسە،جاپا بىلەن پۇل تاپار.
140-قۇناق كۈرۈپ چۈش كۈرسە،رۇشەنلىككە چىقار.
141-ئارپا كۈرۈپ چۈش كۈرسە،مەينەتچىلىككە قالۇر.
142-تېرىق كۈرۈپ چۈش كۈرسە،مۇشكۈلى ئاسان بولۇر.
143-سېمىز ئېنەك كۈرۈپ چۈش كۈرسە،مەمۇرچىلىق بولۇر.
144-ئورۇق ئىنەك كۈرۈپ چۈش كۈرسە،قەھەتچىلىك بولۇر.
145-ھايۋان بىلەن سۈزلىشىپ چۈش كۈرسە،ھەقىقى مۇسۇلمان بولۇر.
146-سۈرە ئەرراھمان ئوقۇپ چۈش كۈرسە،ئىككى ئالەمدە سائادەتمەن بولۇر.
147-قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۈرسە،بۇنىڭ ياخشىلىغىغا ھىچنىمە توغرا كەلمەس. ! -
مەزى بىزى توغىرسدا - [ئسىل رىستىپلار]
2012-04-23
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن سىلەرگە سۇنىدىغان رىستىپىم شەربىتى مەزى. شۇ شەربەت مەزىبىزى ياللۇغى ۋە مەزىبىزى ئۈسۈكچىسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئۈنۈمى ياخشى شەربەت. قالدىسنى رىستىپنى كۈرۈپ بىرنىمە دىيىشلى.
بىخ بەدىيان، بىخ سەۋسەن، بىخ كەرەپشە، بەدىيان، رۇم بەدىيان، پىرسىياۋشەن، گاۋزىبان، گۈل بىنەپشە، تۇخۇمى خىتمى، ئۇستىقۇددۇس، بىستىپايەچ 12 گىرامدىن، شۇمشا، يەرلىك شوخلا، تۇخۇمى ھۇمماز، تۇخۇمى خرفە، سەرسىبىل، چۆپچىن چىنى، قۇغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، مامىرانچىنى، سەرپىستان 15 گىرامدىن، شاھتەررە، ئەفتىمۇن، كاكىنەچ 25گىرامدىن، كاسىنە ئۇرۇقى 18گىرام، سېرىق ئوت ئۇرۇقى 30 گىرام، خىيارشەنبەر 45 گىرام، شىكەر 400 گىرام. بۇيالغان دورىلاردىن باشقا دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ 24 سائاتتىن كىيىن قاينىتىپ ئەفتىمۇن ۋە خىيارشەنبەرنى ئايىرىم – ئايىرىم چىلاپ تەمى چىققاندىن كىيىن سۈزۈپ دورا سۈينى بىرلەشىتۈرۈپ مىغىز دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ دورا سۈيى ئۈستىگە سېلىپ شىكەر سېلىپ شىكەر ئىرىگىچە سۇس ئوتتا قاينىتىلىدۇ.
رۇلى: ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، يۇمشىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق رۇلى بار،
ئىشلىتلىدىغان كىسەلىكلەر: سەپىرادىن بولغان مەزىبىزى ياللۇغى، سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە 3 ۋاخ 100 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
رىستىپ تەركىبىدىن ئايان بۇلۇدىكى بۇ شەربەتنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنىمى ۋە سۈيدۈك ھەيدەش ئۈنىمى يۇقۇرى بولغان بىر شەربەت بۇلۇپ مەزىبىزى كىسەللىكلىرىگە قۇرسى ئەقىرەپ، قۇرسى كاكنەچ قاتارلىق دورىلار بىلەن، بۆرەك كىسەللىرىگە قۇرسى بابادۇق، شەربىتى بانادۇق بۇزۇرى قاتارلىق دورىلار بىلەن بەرگەندە ئۈنىمى كۈرىنەرلىك بۇلىدۇ.
ئەلسىھەتتىكى رىستىپ ئامبىرىنىڭ ئشكى ئېچىلدى. قەنى تورداشلار سىلەرگە قايسى رىتسىپ لازىمكىن؟ كىيىنكى رىستىپلار سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار بۇيىچە چىقىرلىدۇ.
رىتسىپتى رازى بولغان بولسىڭىز ئىلان چىكىپ بىزنى قوللاپ قۇيۇڭ.
مەنبە: ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى، ئادىرسى: http://www.alsihat.com/766.html
-
ئۇيغۇر ئۆرپ _ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە - [ئۆرىپ-ئادەت توغىرسىدا]
2012-04-23
(1) ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! >> (تەڭتۇش ، تۇنۇش - بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىنى ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(2) چوڭلارنىڭ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل ( كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ .
(3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم
(4) چوڭلار كىچىكلەرنى "بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم )" دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا "ئالجىغان" ، "قېرىغىنىنى تۇيمىغان" ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ . كىچىكلەت چوڭلارنى "دادا" ، "بوۋا" ، "موما" ، "ئانا" ، "ئاكا ، ئاچا" دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ، "ئەدەبسىز" ، "تەربىيە كۆرمىگەن" دەپ قارىلىدۇ .
(5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى - مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار - چوڭلار ، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش - كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا "كۆيۈمسىز" ، "مېھرى يوق" ، "باغرى قاتتىق" ، "كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(6)سىرداش دوست - ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر - بىرىنى "سىز" ، "سىلى " ..... دەپ ئاتىشى لازىم ، "سەن" دېيىلسە "كۆزگە ئىلمىغانلىق" ، "پەس كۆرگەنلىك" دەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە ، سالاملاشقاندىن كېيىن "ئۆيگە باشلاي" ، "خىزمەتتە بولاي" دېيىش لازىم . بولمىسا "قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق " دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە "ئەسسالام" دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش - كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا "قائىدىسىز" ، "ھاكاۋۇر" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا "تەبىئىتى يوق ، مەينەت" دەپ ئەتىبلىنىدۇ .
(10) قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم .
(11) مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان "قېنى باقىلىي" دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ .
(12) مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ، "كۆزگە ئىلمىغانلىق" دەپ قارىلىدۇ .
(13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى ، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ "ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ" دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ .
(14) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .
(15) مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى ، بولۇپمۇ قىز - ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(16) مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ .
(17) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن - قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش ، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .
(18) مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق ، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ .
(19) مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت - شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت - شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ .
(20) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ - ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ . "تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار" دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان .
(21) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ، "رەھمەت" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم .
(22) مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم . چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . "ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما" دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن .
(23) يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ .
(24) غىزا - تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ - چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ، "ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ" ، " ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(25) مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال - جاندارىنى " ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ " ، "ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ" ... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت ، ماختىسا "كۆز تېگىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە "ئاغزىڭغا تاش" دەپ قارغايدۇ .
(26) بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا " ئېچى كىرىپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(27) تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق "قىزغانچۇقلۇق" ، "ئاچكۆزلۈك" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(28) مەيلى ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا "يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(29) يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم - غۇسسىگە قالىدۇ .
(30) ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا " بەرىكەت قاچىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(31) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(32) يۈز - كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ .
(33) ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق - نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ .
(34) ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(35)كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش ، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . "ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭەە " دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان .
(36) زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار "يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ .
(37) تۇزغا ، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ .
(38) نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت - جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى "تۇزۇم ئۇرسۇن" ، "تۇزكور" دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر - مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ، خەلقكە ، دوست - يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور" دەپ قارىلىدۇ .
(39) ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانسا "سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ" دەپ قارىلىدۇ .
(40) قۇلۇم قوشنا ئىناق-ئىتتىپاق ئۈتۈش،ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش،ئۆز-ئارا ئىشنىش،ئىتتىپاق ئۆم بۇلۇش،باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۈتۈش،ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش،ئۆز-ئارا ئىشنىش،ئىتتىپاق ئۆم بۇلۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى قۇغداش كىرەك دەپ قارىلىدۇ.(41) چارۋا - مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا "ئامەت كېلىدۇ" دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلەەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ .
(42)ئاياللار كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق دېگەن قاراش .
(43) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ئەدەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ .
(44) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ .
(45) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تىغ شەرتلىك ، يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(46) چوڭلارنىڭ ، جۈملىدىن ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك ، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ .
(47) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ . گەپ توشڭغۇچى "سۇخەنچى ، تەخسىچى...." دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(48) ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(49) ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش ، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(50) پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(51)چاچ - ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيەدە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(52) ئەر - ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى "پالاكەت باسىدۇ" ، دەپ قارىلىدۇ .
(53) ئات - كالا ، قوي ، تۆگە ، جەرەن - كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار ، غاز - ئۆردەك ، توخۇ ، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا ، ئېشەك .... لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ ، قوي - كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ ، قېنىنى ئىچمەيدۇ ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ .
(54) ناماز ئوقىغاندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىش ، ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(55) ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ .
(56) زاراتلىققا قالايمىقان كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ .
(57) ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ .
(58) ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ، مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان ئېلىنىدۇ .
(59) كىشىنى تىللاش ، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ .
(60) كەيىپخورلۇق ، قىمارۋازلىق پۈتۈن قەمىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ .
(61) قۇدۇق ، ئېرىق - ئۆستەڭ بويىغا ھاجەتىانا ، قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ .
(62) زىنا قىلىش ، كىشىگە قارا ساناش ، كىشى ھەققىنى يېيىش، ئوغىرلىق ،بۇلاڭچىلىق ،ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جەمئىيەت لەنەت - نەپرەت ياغدۇرىدۇ -
ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلەر - [ئۆرىپ-ئادەت توغىرسىدا]
2012-04-23
ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەكلىك تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، يۈز خىلدىن ئاشىدۇ، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك تۈسكە ئىگە.
نان – ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق يىمەكلىكنىڭ بىرى بولۇش بىلەن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە تۈسكە ئىگە يىمەكلىكتۇر. نان ئۇيغۇر يىمەكلىكلىرى ئىچىدە ناھايىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، نان «تۇنۇر» دا ئوتنىڭ قىزىقىدا قاقلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭدىكى خەنزۇلار تونۇرنى گەمىدەك شەكلىگە قاراپ «نان گەمىسى» دەپ ئاتايدۇ. نان كۆپ ھاللاردا بولدۇرۇلغان خېمىرنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ، گۈنجۈت، باش پىياز، تۇخۇم، ماي، سۈت، تۇز، شىكەرنى قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىدۇ. ناننىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، خېمىرنىڭ يۇغۇرۇلۇش، قوشۇمچە ماتېرىياللىرى، شەكلى، پۇشۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئاتىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. «ھەمەك نان» - بۇ نان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «چوڭ نان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئايلانمىسى قىرىق، ئەللىك مىللىمېتىر كىلىدۇ. ئەڭ كىچىك نان «توقاچ» (مايلىق نان) بولۇپ، ئەستايىدىل ئىشلىنىدۇ. خېمىرغا ماي، سۈت، تۇخۇم قاتارلىقلار قوشۇلىدۇ. مەززىلىك، ئۇزاق ۋاقىت ساقلاشقا بولىدۇ، ئوڭاي كۆكىرىپ قالمايدۇ. چايغا چىلىغان ھامان يۇمشايدۇ. توقاچ ئۇيغۇرلارنىڭ سەپەر تۇرمۇشىدىكى «ئەپلىك تائام» ھېسابلىنىدۇ. توقاچ ھېيت-ئايەملەردە داستىخانغا تىزىلىدۇ. نانلارنىڭ ئەڭ قېلىنى «گىردە» بولۇپ، قېلىنلىقى بەش-ئالتە مىللىمېتىر، ئوتتۇرىسى ئويمان بولىدۇ. بۇندىن سىرت، پېتىر خېمىردىمۇ نان يىقىلىدۇ.

سۇ ماي ياكى قوي ماينى خېمىرغا ئارىلاشتۇرۇپ، نىپىز يىيىتىلغاندىن كېيىن پۇشۇرۇلىدىغان يەنە بىر خىل نان بار. بۇ نان يۈزىگە ناۋات سۈيى سۈركۈلۈپ پۇشۇرۇلىدۇ. بۇ نان تاتلىق نان دىيىلىدۇ. ئۇندىن سىرت يەنە بىر خىل نان بولۇپ، گۆش قىيما قىلىنىپ بولدۇرۇلغان خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىپ پۇشۇرۇلىدۇ. بۇ «گۆش نان» دىيىلىپ، نانلارنىڭ شاھى ھېسابلىنىدۇ. ناندا سۇ تەركىبى ئاز بولغاچقا ئۇزاققىچە كۆكىرىپ قالمايدۇ. ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەملىك، قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، قېرىنداش مىللەتلەرمۇ ياقتۇرىدۇ.

ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەكلا تونۇر بار. ھازىر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاساسەن تەييار نان سېتىۋېلىپ يەيدىغان بولدى. ھالبۇكى، يېزىلاردا ئادەتتە بىر قېتىم يىقىلغان نان، بىر ئائىلە ئۈچۈن بىر قانچە كۈن يىتىدۇ. ئاياللار ئادەتتە سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن يوغان سىۋەتتە بىر كەلگۈدەك نان يىقىپ قويىدۇ.
دېھقانلار سىرتقا چىققاندا ياكى ئېتىزلىققا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ماڭغاندا نان ئېلىۋالىدۇ. بەزى چاغلاردا ئاندا-مۇندا مىۋە-چىۋە ئىلىۋېلىپ چۈشلۈك تائام قىلىدۇ. كىشىلەر يىراق سەپەرگە چىققاندىمۇ نان ئىلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ياقا يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە يۇرتنىڭ نىنىنى ئەۋەتىش ناھايىتىمۇ ئىسىل سوۋغا ھېسابلىنىدۇ
-
بىر ياشتىن كىچىك بوۋاقلارنىڭ پسىخىك گىگېنىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە - [خۇتۇن بولۇشنىڭ سىرى]
2012-04-15
ئالىدۇ.
(1) تاشقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى ۋە شەرتلىك رېفلكسنىڭ شەكىللىنىشى: بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە غىدىقلىشىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، شەرتلىك رېفلىكىسنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ، بوۋاقلاردىكى پسىخىك پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلىق مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ پسىخىك پائالىيىتى بىلەن تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئۇلارغا قارىتا پسىخىك تەربىيە ۋە مەشىق ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنى ئىمىتىش ئارقىلىق ياخشى ھەرىكەت مەشقىنى ئېلىپ بېرىشقا، قەرەللىك ۋە بەلگىلىك مىقداردا ئىمىتىش ئارقىلىق تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن، بىر قىسىم ئانىلار بوۋاقلارنى قانۇنىيەتلىك ھالدا ئىمىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بوۋاق يىغلىسىلا ئىمىتىدۇ ھەتتا بوۋاق ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئىمىزگىنى شورىتىپ قويىدۇ. نەتىجىدە، بوۋاق يىغلاش ۋە ئىمىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ھەرىكەتنى بىر - بىرىگە باغلاپ، ياخشى بولمىغان شەرتلىك رېفلىكىسنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمگىسى كەلسىلا يىغلايدىغان، ھەتتا قورسىقى ئاچمىغان ۋاقىتتىمۇ يىغلايدىغان ۋە ئىمىدىغان بولىۋالىدۇ. بەزى بوۋاقلاردا ئىمىزگە شورىمىسا ئۇخلىيالماسلىقتەك يامان ئادەت يېتىلىپ قالىدۇ. بىر قىسىم بالىلار بۇ ئادەتنى گۆدەكلىك مەزگىلىدىمۇ تۈزىتەلمەيدۇ.
(2)بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك مەشىق قىلدۇرۇش: مەسىلەن، ئاتا - ئانىلار پىلانلىق ھالدا بوۋاقلارنى باش كۆتەرگۈزۈپ، ئۆرۈلدۈرۈپ كۆكرەك كەرىگۈزۈپ، ئۆرە تۇرغۇزۇپ ۋە ماڭغۇزۇپ مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ بوۋاق بالىلاردا تېز ۋە چاققان بولۇشتەك ھەرىكەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىنتايىن رور ئەھمىيىتى بار.
(3) ئاتا - ئانا ۋە بالا تەربىيىچىلىرى پىلانلىق ھالدا بوۋاقلارغا قارىتا دەسلەپكى باسقۇچلۇق زېھىن ئېچىش مەشقىنى ئېلىپ بېرىش: بۇنىڭدا ئاۋال بوۋاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئايلاردىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان رەڭدار ئويۇنچۇق ۋە رەسىملىك كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا كۆرسىتىش ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى شەيئىلەرگە قارىتا سەزگۈسىنى ئاشۇرۇپ، بىر قەدەر كۆپ بولغان رەڭ ۋە ئاۋازنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىتىش كېرەك. بۇنىڭ بوۋاقلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتى ۋە پسىخىك راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى روز پايدىسى بار. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ پسىخىك پائالىيەتلىرىنى تېزلىتىپ، زېھنىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاچقىلى بولىدۇ ھەمدە بىر قەدەر يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغىلى ( باشقا ئوخشاش ئاي يېشىدىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن ) بولىدۇ.
(4) كىنو - تېلېۋىزىيە ۋە ھېكايە قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ بوۋاقلارنى تىل جەھەتتىن غىدىقلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش: ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بىر موماي ئۆزىنىڭ ئالتە ئايلىق بولغان نەۋرىسىگە ھەر كۈنى بىر رەڭلىك رەسىملىك كىتابنى كۆرسىتىپ ئوقۇپ بەرگەندە بوۋاقنىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن قارىغانلىقى ۋە ئاڭلىغانلىقىنى، كىتاپ ۋاراقلاشنى ۋە ئوقۇشنى توختىتىپ قويسا يىغلاپ كەتكەنلىكىنى، يەنە داۋاملىق كىتابنى ۋاراقلاپ ئوقۇپ بەرگەندە يىغىسىنىڭ توختىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ، ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ ئاۋاز، سۈرەت ۋە رەڭ قاتارلىق ھېسسىي ماتېرىياللار ئارقىلىق تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
(5) ئاتا - ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بوۋاقلارغا كۆپرەك يېقىنچىلىق قىلىش: بوۋاقلىق مەزگىلىدە بالىلاردا پسىخولوگىيىلىك پائالىيىتىنىڭ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئەمدىلا باشلانغانلىقتىن، ھېسسىيات جەھەتتىكى يېقىنچىلىققا يەنى قۇچاقلاپ سۆيۈش، كۆتۈرۈپ ئوينىتىش، ئەركىلتىشكە مۇھتاج بولىدۇ. بىر قىسىم ئالىملار بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى بالىلار ئۆزىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار بىلەن بولغان ئۆز ئارا ھېسسىي تايىنىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي غىدىقلىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىدە كەيپىياتى مۇھىم بولغان ياخشى پسىخىك ساپانى يېتىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بوۋاقلارنى سۆيۈش ۋە ئەركىلىتىش قاتارلىق يېقىنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ھېسسىي كۆيۈمچانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، قۇچاقلاش، سۆيۈش ۋە سىلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بوۋاقلارنىڭ پسىخىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق. بىر قىسىم ئالىملار يەنە شۇنى بايقىدىكى بوۋاقلاردا يىغلاش، خوشال بولۇش، بىئارام بولۇش قاتارلىق كەيپىيات ئىنكاسى، تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشى شۇ مەزگىلدىكى بالىغا قارىغۇچىلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىر بىر قىسىم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئاتا - ئانا ياكى ئاتا - ئانىغا ۋاكالىتەم بالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار ( بوۋا - مومىسى، بالا تەربىيىچىسى قاتارلىقلار ) غا نىسبەتەن تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە ۋە لاياقەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش تەكىتلەنمەكتە. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بوۋاقلارنى ئەتراپلىق تەربىيىلەپ، پسىخىك تەرەققىياتىنى بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىگە كۆتەرگىلى بولىدۇ.
1945-يىلى ئامېرىكىنىڭ پسىخولوگىيە ئالىمى Siptess بوۋاقلار دوختۇرخانىسىدا تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى بېقىۋېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى بايقىغان. ئەينى يىللىرى بالا تەربىيىچىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، بوۋاقلار كۈندە دېگۈدەك ياتقان، سۈنئىي سۈت بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، بوۋاقلار كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشالمىغان. نەتىجىدە، فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك يېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. كېيىن بالا تەربىيىچىلىرى كۆپەيتىلىپ ھەر كۈندىكى بوۋاقلارنى كۆتۈرۈش ۋاقتى ۋە قېتىم سانى تەلەپلىرى بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك يېتىلىشىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان. مەملىكىتىمىزدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بوۋاقلار شوخ ۋە ئىنكاسى تېز بولىدىكەن. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاتا - ئانا مېھرىگە ئېرىشەلمىگەن بوۋاقلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردا جەمئىيەتكە ماسلىشالماسلىق، جەمئىيەت بىلەن قارشىلىشىش، ھەددىدىن زىيادە تارتىنچاقلىق، غېرىبسىنىش، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا ئېتىبارسىز قاراش، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشقا ماھىر بولالماسلىق قاتارلىق ياخشى بولمىغان خاراكتېر يېتىلىپ قالىدىكەن.
(6) بوۋاقلاردا ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش: بوۋاقلارنىڭ مۇئەييەن ۋاقىتتىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۇيقۇسى ( ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نورمال ئۇيقۇ )غا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇلارنى ھەر قانداق شارائىتتا ئۇخلىيالايدىغان مەسىلەن، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بولاۋاتقان شارائىتتا ۋە چوڭلار ھەمراھ بولمىغان ئەھۋالدىمۇ خاتىرجەم ياخشى ئۇخلىيالايدىغان قىلىپ چېنىقتۇرۇش كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلاردا مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ دەسلەپكى مەشىقلەردۇر. بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بوۋاقنى قوچىقىدا ئۇخلىتىدۇ ياكى پەپىلەپ، تەۋرىتىپ ئۇخلىتىدۇ، ھېچقانداق تىۋىشنىڭ چىقىشىغا يول قويمايدۇ ھەتتا بالىنى قارا بېسىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ كېچىلىرى چىراقنى ياندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىلاردا قورقۇنچاقلىق ۋە تايىنىشچانلىق خاراكتېرى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز.
قىسقىسى، ئاتا - ئانىلار ۋە بالا تەربىيىچىلىرى بوۋاق بالىلارنى « ئىمىۋاتقان بالا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ، قورسىقىنى توقلاپ قويسىلا بولىدۇ » دەپ قارىماستىن، ئۇلارنى پسىخىكا جەھەتتىمۇ تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. -
شىنجاڭنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى - [نادىر تەرمىلەر]
2012-04-15
شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (1)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قىسقارتىپ شىنجاڭ دېيىلىدۇ، ئاسىيا - ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 664 مىڭ كۋادرات كېلومېتىر، جۇڭگو زېمىنىنىڭ 6 دىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئەتراپتا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستاندىن ئىبارەت 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شىنجاڭ جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي دىيار دەپ ئاتالغان ، قەدىمدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138 - يىلى، خەن ۋۇدى جاڭ چيەننى غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن، غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى بىلەن غەربىي دىياردىكى ئەللەر ئالاقە ئورناتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئۇرلى (ھازىرقى بۈگۈر چېگرىسى)دا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي دىيار خەن سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن. چىڭ ھۆكۈمىتى چيەن لوڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي يۇرت دېگەن نامنى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتكەن، 1884 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان، ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچى بولغان. 1949 - يىلى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان، 1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان، مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان (موڭغۇلچىدىكى مەنىسى گۈزەل يايلاق). شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ، جەمىئي 47 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزەلدىن بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىبە، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس ۋە تاتار قاتارلىق 13ى بار. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليون 951 مىڭ 900گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تەخمىنەن %7 .60 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدا ھازىر 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 7 ۋىلايەت، 2 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 32 چېگرا ناھىيە (شەھەر)، 6 مىللىي ئاپتونومىيە ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 87 ناھىيە (شەھەر)، 43 مىللىي يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 853 يېزا - بازار بار. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىنجاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ، 14 شى، 175 دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۈەن - مەيدان بار، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 580 مىڭ. شىنجاڭ دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق، 4 ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ تەۋەسىدە قاتمۇقات مۇزلۇق چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، بىپايان يايلاقلار، يۇلتۇزدەك تارقالغان بوستانلىقلار بار. 3 تاغ 2 ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالدا ئالتاي تېغى، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغى بار، تەڭرىتاغ شىنجاڭنى جەنۇب ۋە شىمالغا ئايرىپ تۇرىدۇ. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى جەنۇبىي شىنجاڭ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى شىمالىي شىنجاڭ دېيىلىدۇ، قۇمۇل، تۇرپان بۆلىكى شەرقىي شىنجاڭ دېيىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2100 كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى 2 - چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان گۈربانتۈڭگۈت قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 48 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئۇ جۇڭگودىكى 2 - چوڭ قۇملۇق. شىنجاڭدا كۆل جىق، سۇ دائىرىسى كۆلىمى 5 مىڭ 505 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە باغراش كۆلىنىڭ دائىرىسى 980 كۋادرات كىلومېتىر ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى. شىنجاڭنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئايدىڭكۆل دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، بۇ جاي جۇڭگودىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ تۆۋەن جايى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى تىپىك مۆتىدىل كىلىماتقا تەۋە ، 2007 - يىلى ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى 10.9 سېلسىيە گرادۇس، يىللىق ئوتتۇرىچە تەبىئىي ھۆل يېغىن مىقدارى 165.6 مىللىمېتىر بولغان. تاغلاردىن ئېرىگەن قار سۇلىرى نۇرغۇن دەريالارنى ھاسىل قىلغان ، بوستانلىقلار ئويمانلىقلارنىڭ چېتىگە ۋە دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان، بوستانلىق ئومۇمىي كۆلىمى ئاپتونوم رايونىمىز كۆلىمىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدۇ، تىپىك بوستانلىق ئىكىلوگىيىسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى مەملىكەت بويىچە سۇ بايلىقىنىڭ %3 ىنى ئىگىلەيدۇ، چوڭ - كىچىك دەريا جەمىئي 570تىن ئاشىدۇ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 90 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئۈستى سۈيى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 55 مىليارد 410 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ، مۇزلۇق زاپىسى 2 ترىللىئون 130 مىليارد بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇزلۇق زاپىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ، «مۇزلۇق ئامبىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىنجاڭ ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق، سۇ بايلىقى پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ۋاقىت-بۇشلۇقتا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، شۇڭا بەزى جايلاردا سۇ بايلىقى يېتىشمەيدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرى كۆلىمى 63 مىليون 81 مىڭ گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 4 مىليون 114 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، كىشى بېشىغا 2.95 مودىن توغرا كېلىدۇ، بۇ مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ 1 .2 ھەسسىسىگە تەڭ. ئورمان كۆلىمى 6 مىليون 765 مىڭ گېكتار، يايلاق كۆلىمى 51 مىليون 120 مىڭ گېكتار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ٪20نى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە 5 چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى، ئىچكى مولغۇلدىن قالسىلا، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ قۇياش نۇرى ئېنېرگىيىسى، يەر ئىسسىقلىقى، شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى مول، جۇڭگودىكى ئاپتاپنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ئۆلكە - رايوننىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاپپتاپ چۈشۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2600 سائەتتىن 3500 سائەتكىچە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (2)
شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقىنىڭ تۈرى تولۇق، زاپىسى مول، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. ھازىر بايقالغان قېزىلما بايلىق 138 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 99 خىلىنىڭ زاپىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، 10 خىلىنىڭ زاپىسى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ، 58 خىلىنىڭ زاپىسى ئالدىنقى 10 - ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، خروم، نېكىل، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، تۇز تۈرىدىكى قېزىلما، بىناكارلىق ماتېرىيالى قىلىنىدىغان مېتاللوئىد قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى ئىنتايىن مول. مەملىكەت بويىچە 2 - قېتىملىق نېفىت- گاز بايلىقىنى باھالاشتا، شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقى 20 مىليارد 920 مىليون توننا بولۇپ، ئېلىمىز قۇرۇقلۇق نېفىت بايلىقىنىڭ %30 ىنى ئىگىلىدى؛ تەبىئىي گاز بايلىقى 10 ترىليون 400 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ %34 ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭنىڭ مۆلچەرىي كۆمۈر بايلىقى 2 ترىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر زاپىسىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ساياھەت بايلىقى ۋە ئېتنوگراگىيىلىك ساياھەت بايلىقى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ھەم ئۆزگىچە ، ھەيۋەتلىك مۇز چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، گۈزەل ئوت يۇرتى، قۇملۇقلارنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار بار. مەدەنىيەت كۆپ مۇجەسسەملەنگەن، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى قويۇق، داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. «جۇڭگونىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى» بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، جۇڭگودىكى ساياھەت بايلىقىنىڭ 6 چوڭ تۈر بويىچە 68 خىل ئاساسىي تۈرنىڭ ئاز دېگەندە 56 سى شىنجاڭدا بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ٪80نى ئىگىلەيدۇ. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 165ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 3ى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 15ى، 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 69ى بار؛ دۆلەت سانائەت، يېزا ئىگىلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 34ى بار. مەشھۇر تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرىدىن بۇغدا كۆلى، قاناس كۆلى، نارات يايلىقى، باغراش كۆلى، سايرام كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىقلار بار. شىنجاڭنىڭ ئانتوپورولوگىيىلىك ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قەدىمكى يېپەك يولىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا غول لىنىيىلىرىدە يۈزلىگەن قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى، قەدىمكى قەبرىستانلىق، مىڭ ئۆي، بوز يەر ئېچىش خارابىسى قاتارلىق قەدىمكى مەنزىرە ئىزنالىرى قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمكى خارابىسى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھەر خارابىسى، كروران قەدىمكى خارابىسى، قىزىل مىڭ ئۆيى، ئىپارخاننىڭ قەبرىسى قاتارلىقلاردا جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئۇچرىشىش تارىخى خاتىرلىنىپ، قەدىمىي شىنجاڭنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان. شىنجاڭنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ۋە ئۆزگىچە، تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زور. شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 دىن ئاشىدۇ. قار لەيلىسى، سوغىگۈل، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان، سۈپىتى ياخشى، سورتى ۋە تەبىئىيتى ئۆزگىچە. شىنجاڭ يەنە كېلىپ كۆپ خىل مېۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇش مەركىزى، ئىككىلەمچى مەركىزى، مېۋە بايلىقى مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىك سورتى 300 خىلدىن ئاشىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ «مېۋە - چىۋە ماكانى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 700گە يېقىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياۋايى ھايۋانلار تۈرىنىڭ %11نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدا دۆلەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 116 خىلى بار، بۇ مەملىكەت بويىچە قوغدىلىدىغان ھايۋاننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 28 خىلى، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 88 خىلى بار، ئۇلار موڭغۇلىيىنىڭ ياۋا ئېتى، تىبەت قۇلىنى، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق يەلكە بۈركۈت، قارا بويۇن تۇرنا قاتارلىق خەلقئارادا ئاز قالغان ياۋايى ھايۋانلار.
شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (3)
ئازاتلىقتىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ناتورال ئىگىلىك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى قالاق، سانائىتى يوق دىيەرلىك ئىدى. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شەھەر - يېزا قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. خەلق ئىگىلىكى ئۇچقاندەك ئېشىپ، ئومۇمىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. 2007 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 352 مىليارد 316 مىليون يۈەنگە يېتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2 .12، 2000 -يىلدىكىدىن بىر ھەسسە، 1978 - يىلدىكىدىن 7. 16 ھەسسە ئاشتى. كەسپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، 1 -، 2 -، 3 - كەسپلەرنىڭ سالمىقى 1978 – يىلدىكى 35.7:47.0:17.3 ۋە 2000 - يىلىدىكى 21.1:39.4:39.5 دىن 2007 - يىلىدىكى 17.8:46.8:35.4 گە تەڭشەلدى. ئومۇمىي مالىيە كىرىمى 64 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %32.2، 2000 - يىلىدىكىدىن 3.3 ھەسسە ئاشتى. يەرلىك مالىيىنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمى 28 مىليارد 586 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %30.3، 2000 - يىلىدىكىدىن 2.6 ھەسسە، 1978 - يىلدىكىدىن 39 ھەسسە ئاشتى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى پەيدىنپەي ئۆستى. 2007 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ 313 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.3، 2000 - يىلىدىكىدىن %82.7، 1978 - يىلىدىكىدىن 31.3 ھەسسە ئاشتى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3183 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.3، 2000 - يىلىدىكىدىن %96.7، 1978 - يىلىدىكىدىن 25.7 ھەسسە ئاشتى؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ ئىشلىتىش كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 5.42 كۋادرات مېتىردىن 2007 - يىلىدىكى 20.38 كۋادرات مېتىرغا، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 7.8 كۋادرات مېتىردىن 2007 - يىلىدىكى 22.45 كۋادرات مېتىرغا يەتتى. يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يېزا ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى. 2007 - يىلى، يېزا ئىگىلىك قوشۇلما قىممىتى 62 مىليارد 872 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.1، 2000 - يىلدىكىدىن %48.8، 1978 - يىلدىكىدىن 7.5 ھەسسە ئاشتى. ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8 مىليون 670 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «شىنجاڭ تەۋەسىدە تەڭپۇڭ بولۇش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش»تەك ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا يەتتى. پاختا مەھسۇلاتى 2 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8.4 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %38.2 ىنى ئىگىلىدى. زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %21.8كە يەتتى. ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىليون مودىن ئاشتى، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتى 4 مىليون 119 مىڭ 800 توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا 10 مىليون مو باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللەندى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلدى، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 16سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 186سى، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 245ى بار، كەسىپكارلار 348 مىڭ كىشىگەيەتتى ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تىجارىتى شىنجاڭدىكى %60تىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، قۇلماق، پەمىدۇر، زاراڭزا، ئالقات، قوغۇن، ئۈزۈم، نەشپۈت، ئالما، ئۈرۈك، ئانار، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا داڭقى بار، بۇنىڭ ئىچىدە شوخلا قىيامىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى خەلقئارا سودا مىقدارىنىڭ 4/1ىنى، قۇلماق مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى، ئالقات %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق تاۋار پاختا، قۇلماق ۋە پەمىدۇر قىيامى ئىشلەش بازىسى، مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق ۋە قىزىلچا شېكىرى ئىشلەش بازىسى بولۇپ قالدى. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى. قىزىلما بايلىق ئېچىش ۋە يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش يېتەكچى كۈچ قىلىنغان، نېفىت - تەبئىي گاز ئېچىش، نېفىت خىمىيە سانائىتى، پولات - تۆمۈر، كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنىرگىيىسى، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق ماتېرىيالى، خىمىيە سانائىتى، تىببىي دورىگەرلىك، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك قاتارلىق تۈرلىرى نىسبەتەن تولۇق، مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلدى. جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىكى 3 چوڭ نېفىتلىك ھەمدە قاراماي، مايتاغ، ئۈرۈمچى، كورلا، پوسكام قاتارلىق نېفىت خىمىيە بازىسى قۇرۇلدى. باۋگاڭ، شېنخۇا، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 20 نەچچە داڭلىق چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى قايتا تەشكىللەش ۋە بايلىق ئېچىشقا ئاكتىپ قاتناشتى، بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلار جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ. 2007 - يىلى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 137 مىليارد 848 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15، 2000 – يىلدىكىدىن 1.2 ھەسسە ئاشتى. ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى پۇختا قەدەمدە ئاشتى. 2007 - يىلى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلاتى 26 مىليون 43 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.8، 2000 - يىلدىكدىن ٪33.9 ئاشتى؛ تەبئىي گاز مەھسۇلاتى 21 مىليارد 33 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪28.1، 2000 - يىلدىكىدىن 4.9 ھەسسە ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛ خام نېفىت پىششىقلاش مىقدارى 17 مىليون 58 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪5.6، 2000 - يىلدىكىدىن ٪70.4 ئاشتى؛ كۆمۈر مەھسۇلاتى 50 مىليون 186 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11.1، 2000 - يىلدىكدىن ٪79.3 ئاشتى؛ توك 41 مىليارد 687 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7 .16، 2000 – يىلدىكدىن 1.3 ھەسسە ئاشتى. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەت 30غا يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى 5 ئۆلكە بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا، مەملىكەت بويىچە 16 ئورۇنغا ئۆتتى، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 102 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە، ئومۇمىي بازار قىممىتى 317 مىليارد 431 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇ شىركەتلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا خېلى زور مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2007 - يىلى ئىىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 185 مىليارد 84 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1. 18 ئاشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئىىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 1 تېرىللئون 264 مىليارد 297 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %6. 18 تىن ئاشتى. زور بىر تۈركۈم سۇچىلىق، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېنېرگىيە ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاندى ۋە پۈتتۈپ ئىشقا كىرشتۈرۈلدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 2925 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئىقتىساد رايونلىرىغا تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇلدى. تاشيول قاتناش مۇساپىسى 145 مىڭ 200 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز، 7 دۆلەت يولىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەيگە، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ئەللىرىگە، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتاشقان، شىنجاڭ ئىچىدە 68 ئۆلكە يولىغا ۋە ۋىلايەت - شەھەرلەرگە، ناھىيە - يېزىلارغا تۇتاشقان تاشيول قاتنىشى ترانسپورت تورى بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر پۇقرالار ئايروپورتتىدىن 12 سى، ھاۋارايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان زاپاس ئايروپورتتىن 1ى، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدىن 153 ى بولۇپ، جۇڭگودىكى 52 چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەر ۋە چەت ئەلدىكى 43 شەھەرگە تۇتاشقان ھاۋا ترانسپورت تورى بارلىققا كەلدى، ئاۋىئاتسىيە مۇساپىسى 160 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئايروپورت ئەڭ كۆپ، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نېفىت - گاز تۇرۇبا يولى ئومۇمىي مۇساپىسى 6793 كېلومتېرغا يېتىپ، «غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبىسى، ئۈرۈمچى – لەنجۇ تاييار ماي تۇرۇبىسى، پىچان – لەنجۇ خام نېفىت تۇرۇبىسى، جۇڭگو – قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبىسى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك چوڭ يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 2007 – يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مۇقىم تېلېفون ئابونتى 6 مىليون 962 مىڭغا يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر يۈز ئادەمگە 33.7دىن توغرا كەلدى؛ كۆچمە تېلېفون ئابونتى 8 مىليون 83 مىڭغا يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر يۈز ئادەمگە 39.4دىن توغرا كەلدى؛ ئالاقە تورى ئابۇنتلىرى 1 مىليون 578 مىڭغا يېتىپ، ئوپتىك كابېلنى ئاساس قىلغان، رەقەملىك مېكرو دولقۇن ۋە سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشىنى ياردەمچى قىلغان زامانىۋى يەتكۈزۈش تورى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتىكىنى قاپلىدى. ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆستى. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت تىرىشىپ ياخشىلاندى، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش، چۆل يېپىنچىسىنى قوغداش ۋە تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇملىشىشنى تۈزەش، «3 شىمالى» ئېھاتە ئورمىنىنى قوغداش 4 - قەرەللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيىلىك قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە ئولتۇراقلىشش مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سېلىندى. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن جەمئىي 28ى قۇرۇلۇپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 214 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، بۇ شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪12.9نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 9ى بار؛ تەستىقلانغان دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئۈلگە رايوندىن 8ى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 127 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪6.7نى ئىگىلەيدۇ؛ دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئىقتىدار مۇھاپىزەت رايونىدىن 2سى بار، كۆلىمى 180 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (4)
شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جۇڭگونىڭ غەرپكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى. چېگرا بويلىرى، كۆۋرۈك بويى (يارۋروپا - ئاسىيا 2 - چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى) ۋە قاتناش غول لىنىيىلىرىنى بويلاپ، خەلقئاراغا، مەملىكەت ئىچىگە كېڭەيگەن ھەر تەرەپلىمىلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ھالىتى تەدرىجىي بارلىققا كەلدى. ھازىر 1 - دەرىجىلىك پورتتىن 17سى، 2 - دەرىجىلىك پورتتىن 12سى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە پورت سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونىدىن 3ى (ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، شىخەنزە ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى)، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدىن 3 ى (غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چۆچەك چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، بورتالا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى)، ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش رايونىدىن 1 ى ھەمدە جۇڭگو – قازاقىستان چېگرا ئىقتىساد - سودا ۋە مەبلەغ ھەمكارلىق رايونى (جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى)، ئوچۇق شەھەر، ناھىيىدىن 75 ى بولۇپ، 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. 2007 - يىلى تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد 716 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %50.7، 2000 - يىلدىكىدىن 5.1 ھەسسە، 1978 - يىلدىكىدىن 583.7 ھەسسە ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىمپورت سودا سوممىسى 2 مىليارد 213 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ٪16.1ىنى ئىگىلىدى؛ ئېكىسپورت سودا سوممىسى 11 مىليارد 503 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ٪83.9ىنى ئىگىلىدى؛ چېگرا ئاز سوممىلىق سودا ئومۇمىي سوممىسى 9 مىليارد 417 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ٪68.7ىنى ئىگىلىدى. چېگردىن ئۆتكەن مال مىقدارى 19 مىليون 490 مىڭ توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى 17 مىليون 300 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئومۇمىي ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارىنىڭ ٪87.4ىنى ئىگىلەپ، جۇڭگودىكى قۇرۇقلۇق پورتىدا مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى جەھەتتە 2 - ئورۇندا تۇردى. تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورايدى، 1978 - يىلدىن تارتىپ چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 812 مىليون دوللارغا يەتتى. 1992 - يىلدىن باشلاپ 16 نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. «ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى» جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى ۋە قوشنا دۆلەتلەر ئىچىدە تەسىرى خېلى زور ئىقتىساد- سودا كاتتا يەرمەنكىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا يۇقىرى قاتلاملىق مۇنبىرى، تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى، ئۈرۈمچى كىيىم - كېچەك بايرىمى، قەشقەر جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ساياھەتچىلىكنى ئېچىش، مەھەللە مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودا ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، 3 - كەسىپ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ 3 - كەسپىدىكى مۇھىم تايانچ بولۇپ قالدى. 2007 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ئىچكى ساياھەتچى 21 مىليون 260 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪28 ئاشتى؛ ئىچكى ساياھەت كىرىمى 19 مىليارد 292 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4. 29 ئاشتى؛ خەلقئارا ساياھەتچى 438 مىڭ 400 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9. 20 ئاشتى؛ ساياھەت تاشقى پېرېۋوت كىرىمى 162 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪26.5 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى٪5.3كە يەتتى. يېڭىچە ئوبوروتچىلىق ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، زەنجىرسىمان تىجارەت تور نۇقتىسى 3 مىڭغا يەتتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 84 مىليارد 770 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪16.5 ئاشتى. ئۆي - يەر - مۈلۈك، قاتناش ترانسىپورت، ئامباردا ساقلاش ھەمدە پوچتا – تېلېگراف، خەۋەرلىشىش، توپ ۋە پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيدى. پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئۇچۇر ۋە قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكتە يېڭى يۈكسىلىش بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئوبوروتچىلىقنى زامانىۋى ئوبوروتچىلىققا ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلەشتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ئىسلاھات ، ئېچىۋېتش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ جانلىق، ئەڭ تېز تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى. 2007 - يىلىنىڭ ئاخىرى، خۇسۇسىي كارخانىلار 68 مىڭ 900غا، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 91 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە، كەسپكارلىرى 707 مىڭ 900غا يەتتى؛ يەككە سودا - سانائەتچىلەر 483 مىڭ 200گە، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 10 مىليارد 880 مىليون يۈەنگە، كەسپكارلىرى 789 مىڭغا يەتتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىمغا ئايلاندى. ئىقتىساد تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى. پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 462 مىڭ 600گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 259 مىڭ 400 بولۇپ، ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ٪56.08نى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇستەقىل تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئاپپاراتىدىن 116 سى بار؛ پوست دوكتور ھەرىكەتچان (خىزمەت) پونكىتىدىن 27سى قۇرۇلدى، قۇملۇقنى تىزگىنلەش تەتقىقاتى ۋە يات تەنىچىلىك ھايۋان كلونلاش تېخنىكىسى خەلقئارادىكى ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى. 10 - بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە چوڭ - چوڭ پەن تېخنىكا نەتىجىسى تۈرلىرىدىن جەمئي 1167سى قولغا كەلتۈرۈلدى. 2007 - يىلى، 220 تۈردە پەن - تېخنىكا نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلدى، 1534 تەتقىقاتقا پاتنېت ھوقۇقى بېرىلدى، پەن - تېخنىكا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ۋە جەمىئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. مائارىپ ئىشلىرى پۇختا تەرەققىي قىلدى. 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر 6670 گە، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 4 مىليون 25 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار %5 .58 نى ئىگىلەيدۇ؛ ھەر خىل مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار 272 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلار 158 مىڭ. ئاپتونوم رايون بويىچە «9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى>» تەربىيىسىدە بولغانلار ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %8 .99 ىنى ئىگىلىدى، ياشلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ساۋاتسىزلىق نىسبىتى % 2 تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەربىيە ئېلىش مۇددىتى 8 يىل ئۆپچۆرىسىدە بولدى؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 32 سى بار ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرستا ئوقۇۋاتقانلار 216 مىڭ 400گە يېتىپ، 1978 - يىلدىكىدىن 1. 14 ھەسسە ئاشتى. 2000 - يىلدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچكى جايلاردىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلدى. ھازىر ئوقۇتۇش كۆلىمى ئىچكى جايلاردىكى 28 شەھەردىكى 50 ئوتتۇرا مەكتەپكە كېڭەيدى، يىلىغا 5 مىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. 2004 - يىلدىن باشلاپ، ئىچكى جايلاردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ شەكلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى 8 شەھەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئېچىلىپ، يىلىغا 5 مىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەنمەكتە، رادىئونىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %5. 93 كە، تېلېۋىزىيىنىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %5. 93 كە يەتتى. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش تورى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سەھىيە ئاپپاراتى 7465 كە، كارىۋات 81 مىڭ 700گە، سەھىيە تېخنىك خادىمى 104 مىڭ 700گە يەتتى، ھەممە ناھىيە (شەھەر)دە دوختۇرخانا، سەھىيە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى ۋە ئانا - بالىلار ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى بولۇش، يېزا (بازار)لاردا شىپاخانا ، ھەممە كەنتتە داۋالاش ئورنى بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دۆلەت شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، 2007 - يىلنىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرلىرى 58 مىڭ 900گە يېتىپ، مەمۇرلار ئومۇمىي سانىنىڭ ٪4.01نى ئىگىلىدى، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئىقتىساد، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ئىشلىرى ساھەلىرىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىغا ۋە ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر خىل مائارىپتا كۆپ خىل ئازا سانلىق مىللەت يېزىقى بويىچە دەرس ئۆتۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساس مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل، شىبە، رۇستىن ئىبارەت 7 خىل تىلدا ئوقۇتۇش يولغا قويۇلىدۇ. شىنجاڭدىكى گېزىتلەر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە، مۇڭغۇلچە، شىبەچىدىن ئىبارەت 6 خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى گېزىت 134 خىلغا، ژورنال 206 خىلغا يېتىدۇ؛ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە، مۇڭغۇلچىدىن ئىبارەت 5 خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىلىدا ئاڭلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي داستانى ‹‹جاڭغىر››، ‹‹ماناس›› قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى»نى «دۇنيا ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزدى، 14 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتالوگىغا كىرگۈزۈلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قاتار مىللەت، دىن سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە يولغا قويدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيىنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىننىي زاتلار، دىننىي سورۇنلار ۋە ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دىنىي پائالىيەت سورۇنى 24 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەسچىددىن 23 مىڭ 900ى، دىن خىزمەتچىلىرى 29 مىڭغا يېتىپ، بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان ئىدىيىۋى تەربىيە پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق ۋە ئەمەلىيلەشتۇردۇق. 1983 - يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇدا 26 يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ‹‹ 3 ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيىسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ھەر قايسى دىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى، جەمئىيەت مۇقىم، چېگرا مۇداپئەسى مۇستەھكەم، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم تېرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىز تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ۋە گۈزەل ئىستىقبالغا يۈزلەنمەكتە. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئاپپاراتىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشكنى كەڭ ئېچىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ باي، تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىمىز.
-
- بازار، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ ۋە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ يىلىغا ئەڭ يۇقىرى ئاتچوت قىلىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەن بولىدۇ - [نادىر تەرمىلەر]
2012-04-15
- بازار، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ ۋە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ يىلىغا ئەڭ يۇقىرى ئاتچوت قىلىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەن بولىدۇ
ۋاقىت: 2012-01-09 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى: خوتەن ئۇچۇر تور
مۇخبىرنىڭ 2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ۋىلايىتىمىزنىڭ سەھىيە سىستېمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ۋىلايىتىمىز دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى، ۋىلايىتىمىزدىكى شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىياسىتى (سىناق نۇسخىسى) لايىھەسىنى يولغا قويىدىكەن. ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان - چارۋىچىلار دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالىنىشنى تەستىقلاش چارىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالانسا ئەنگە ئېلىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يېڭى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.
بۇ يىلدىن باشلاپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان - چارۋىچىلار دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالىنىشنى تەستىقلاش چارىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالانغانلارنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ قېتىم يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تۈزۈمدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش راسخوتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى 1 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ%90، ناھىيە - شەھەرلەردىكى 2 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ%70، ۋىلايەتتىكى 2 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ%60، 3 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ%45، ئەڭ يۇقىرى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى 50 مىڭ يۈەن بولۇش، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى يۇقىرى سوممىلىق داۋالاش، قۇتقۇزۇشتا بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش بەلگىلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ 40 مىڭ يۈەن، ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا مال - مۈلۈك سۇغىرتا شىركىتىنىڭ خوتەن شۆبە شىركىتى سودا تولۇقلىمىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىدۇ ۋە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش پۇلىنى ئاتچوت قىلىشتا دوختۇرخانا دەرىجىگە ئايرىلمايدۇ، بىردەك%85 بولىدۇ.
ۋىلايىتىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىز «ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش پۇلىنى بىر تۇتاش غەملەش + دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش پۇلىنى بىر تۇتاش غەملەش» ئاساس قىلىنغان يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى باشقۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنى غەملەش، تولۇقلىما بېرىش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا قولايلىق ياراتتى. بۇ يىلدىن باشلاپ شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش شەخسلەر ھېساباتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەھەر - بازار ئاھالىلىرى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش راسخوتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى%70 بولىدۇ.
〈1〉 2 كېيىنكى بەت -
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2012-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى - [رەسىملەر دۇنياسى]
2012-04-15
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2012-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى -------------------------------------------------------------------------------- ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ، گوۋۇيۈەندىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ، ھەر قايسى بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا : گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ تۈزۈتىش كىرگۈزۈلگەن ‹ مەملىكەتلىك ھېيت-بايرام ھەمدە خاتىرە كۈنلىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى› توغرىسىدىكى قارارى ››غا ئاساسەن ، 2012-يىللىق يېڭى يىل ، چاغان ، چوكانتال بايرىمى ، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى ، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش كۈنلىرىنىڭ كونكېرت ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئوقتۇرۇش قىلدۇق . ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: يېڭى يىل: 2012-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 2011-يىلى 31-دېكابىر (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. چاغان: 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 21-يانۋار (شەنبە)، 29-يانۋار (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ . چوكانتال بايرىمى: 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ . 3-ئاينىڭ 31-كۈنى (شەنبە)، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ . تاڭزۇڭزا چاغىنى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى: 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە جەمئىي سەككىز كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2011-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى يوللانغان ۋاقتى:(2011-12-05)
-
مەكتەپ گىرىبىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى - [مائارىپ توغىرسىدا]
2012-04-15



رەسىم:
مەكتەپ گىرىبىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى:
قەشقەر شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ گىرىبىنىڭ ئومومى كۆرۈنىشى چەمبەر شەكىللىك بولۇپ، ئىككى دانە قىزىل رەڭلىك مەرگەزداش چەمبەر، ئىككى دانە ئاق رەڭلىك مەرگەزداش چەمبەر، يىزىق، رەقەم، كۆك ئاسمان، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز، كۈلرەڭ تاغ، يىشىل دالا، دەستىلەپ قويۇلغان ئىككى پارچە كىتاپ، ۋە يىشىل مايسىدىن تەركىپ تاپقان.
مەكتەپ گىرىبىدىكى قىزىل رەڭلىك تاشقى چەمبەربولسا جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىگىدىكى ئۇلۇق ۋەتەنگە سىمۇۋۇل قىلىنغان، قىزىل رەڭلىك ئىچكى چەمبەرگە ئاق رەڭدە ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە ئىككى خىل يىزىقتا قەشقەر شەھەرلىك (خاڭدى) 23- ئوتتۇرا مەكتەپ دىگەن مەكتەپ نامى يىزىلغان بولۇپ، قىزىل رەڭ- مەكتىۋىمىزدە پارتىيە ياچايكىسى يىتەكچىلىگىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈرۈمىىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇپ، "ئۈچ تەدبىر" نىڭ ئەمىلىيلەشكەنلىگىگە سىموۋۇل قىلىنغان، ئاق رەڭ- مەكتەپ باشقۇرۇشتا پاك دىيانەتلىك بولۇپ، خەلق رازى بولىدىغان، تەشكىل خاتىرجەم بولىدىغان مەكتەپ قۇرۇش نىشانىمىز ۋە ئىرادىمىزگە سىمۇۋول قىلىنغان، ئىككى خىل يىزىق- قوش تىل ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مائارىپ فاڭجىنىنى ئومومى يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش نىشانىنىزغا سىمۇۋول قىلىنغان، ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە ئىككى خىل يىزىقتىكى قەشقەر شەھەرلىك (خاڭدى) 23- ئوتتۇرا مەكتەپ، 喀什市(荒地)第二十三中学 دىگەن خەتلەر مەكتەپ نامىنى ئىپادىلەيدۇ، سىرىق رەڭدە يىزىلغان 1979 دىگەن رەقەم مەكتىۋىمىزنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى ئىپادىلەيدۇ.
كۆك ئاسمان بولسا ئىللىق ۋەتەن قوينىغا سىمۇۋول قىلىنغان، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز مەكتىۋىمىزدە ئوقۇپ، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىۋاتقان ئىقتىساس ئىگىلىرىگە سىمۇۋول قىلىنغان، كۈلرەڭ تاغ قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىغا سىمۇۋول قىلىنغان بولۇپ، مەكتىۋىمىزنىڭ قارا قۇرۇم تاغ باغرىغا جايلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، دەستىلەپ قويۇلغان ئىككى پارچە كىتاپ ئىلىم مەرىپەتكە سىمۇۋول قىلىنغان، دەستىلەپ قويۇلغان ئىككى پارچە كىتاپ ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان S شەكلى دەرياغا سىمۇۋول قىلىنغان بولۇپ، مەكتىۋىمىزنىڭ تۈمەن دەريا بويىغا جايلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، يىشىل دالا قارا قۇرۇم تاغ باغرى، تۈمەن دەريا بويىغا جايلاشقان خاڭدى يىزىسىغا سىمۇۋول قىلىنغان، يىشىل مايسا بولسا مەكتىۋىمىزدە تەربىيىلىنىۋاتقان ياش بوغۇنلارغا سىمۇۋول قىلىنغان. -
ئەخلاقنىڭ ئىلمىي تەبىرى ۋە رولى - [مائارىپ توغىرسىدا]
2012-04-15
ئەخلاقنىڭ ئىلمىي تەبىرى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى ھەققىدە مۇئاممار ئۇلۇغيار ئەخلاقنىڭ ئىلمىي تەبىرى ئەخلاق ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسانلارغىلا خاس بولغان ئىجتىمائىي ھەرىكەت ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە رولى ھەققىدىكى ئىلمىي ئاساسلارنى پەقەت ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ مايىللىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ(ئادىللىق)نىڭ «بۇلۇتسىمان» ئىلمىي تەسۋىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ بىر مىللىي توپنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە باشقا توپتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان «مىللىي قانۇن» سۈپىتىدە، شۇ مىللىي توپنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەخلاقنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى: سۆز يېقىشلىقى، ھەرىكەت گۈزەللىكى، مەشغۇلات بىخەتەرلىگى، مەنپەئەت ئادىللىقى، كەيپىيات تەڭپۇڭلىغى، مەسئۇلىيەت ئاڭلىقلىقى، قانداشلىق تارتىشىش پىسخىكىسى، دىنىي ئەقىدە-مىزانلىرى(دىنىي ئەخلاق)، ئەجىرنىڭ ئۈنۈمدارلىقى... قاتارلىقلار مەسىلەن: ① ئادەم بار يەردە ئىككى جىنىس ئاشكارە ھالدا جىنسىي قىلىقلارنى قىلسا، كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمىنىڭ نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىشى تۈپەيلىدىن، شۇ نەق مەيداندا بولغان ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى كىشىلەرنىڭ جىنسىي تۇيغۇسىنى غىدىقلاش، جىنسىي ھورموننى كۈچەيتىش تەسىرى بولىدىغانلىقى بەرھەق. ئەگەر بۇ خىل ئاشكارە جىنسىي قىلىقلار ئاممىۋى سورۇندا چەكلەنمىسە، شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە ۋە ياكى كېيىن زەنجىرسىمان جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىلىدۇ-دە، ئىجتىمائىي مۇۋازىنەت بۇزۇلۇپ، كىشىلەر توپىنىڭ مۇناسىۋەت تەڭپۇڭلىغىنى كىرىزىسكە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل زىيانلىق ئاقىبەت ئېلىپ كېلىدىغان قىلىقنى چەكلەش بىر خىل ئاقىلانە تاللاشتۇر.2 ② ئاجىزلارغا ياردەم بەرمەي قاراپ تۇرۇش ياكى كۆيۈنمەي خورلاش قىلمىشى يۈز بەرسە، ماددىي باغلىنىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھىچقانداق «مەسئۇلىيەت»نىڭ زۆرۈر ۋە يېتەرلىك شەرتلىرى بولمىسىمۇ، ئەمما سېزىم ۋە تەپەككۈر ئىگىسى بولغان ئاشۇ ئىككىلا تەرەپتە بۇ ۋەقە ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىغا نىسبەتەن سەۋەپ-نەتىجە تەھلىلى بولۇشى تۇرغان گەپ، يەنى ياردەم بەرمىگەن كىشى ئۆزىنىڭ تەبىئىي قېرىش ياكى تاسادىپىي سەۋەپلەر بىلەن ئاشۇنداق «ھاجەتمەن» بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ھىس قىلالايدۇ-دە، ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلگەندە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىش ئارزۇسى شەكىللىنىدىغانلىغىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ؛ ئەكسىچە ياردەمگە مۇھتاج بولغان تەرەپمۇ تىل ئۇقۇشالايدىغان ھەمدە قانداشلىق-قېرىنداشلىق «سېلىنمىسى» بولغان ئاشۇ «مەسئۇلىيەتسىز» تەرەپكە نىسبەتەن، خۇددى بىر دەرەخكە ئېسىلىپ ئۆرە تۇرماقچى بولغاندەك شەرتسىز ئېھتىياجى شەكىللەنگەنلىگىنى، ھەر ئىنسان ئۆزئارا ئاكتىپ يار-يۆلەك بولسا بۇ خىل «ھاجەت»نىڭ راۋا بولمىغى تېخىمۇ ئاسانلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. شۇڭا، ھاجەتمەنلەرنىڭ سىز ئۈچۈن ئېنىق بولغان «قەرزى» بولمىغان تەقدىردىمۇ، توپلۇشۇپ ياشاش مۇھىتىدىكى ئىمكانىيەت ۋە ئېھتىياج زەنجىرىنىڭ باغلىنىش مېخانىزمىنى ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەپ كۆرگەندە، ئاشۇ «ھاجەتمەن»گە ھەقسىز ياردەم بېرىشنىڭ تاسادىپى توغرا كېلىپ قالغان تەبىئىي «قەرزدارلىق» ئىكەنلىگىنى ئىدراك قىلىشقا بولىدۇ.③ ئىنساننىڭ تەبىئىي سېزىمى يەڭگىل-يېقىشلىق ئاۋازلارنى، رەڭ، نۇر، ۋە شەكىل جەھەتتىن ئادەم سېزىمىگە راھەت بېغىشلايدىغان كۆرۈنۈشلەرنى، ماددىي نەرسىلەردىكى قولاي، بىخەتەر، تەڭپۇڭ ھالەتلەرنى «ياقتۇرىدۇ». بۇ خىل ياقتۇرۇش ئىنتايىن تەبىئىي بولۇپ، بىۋاستە سېزىم ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ ئىنكاسىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ماددىي نەرسىلەر قاتارىدا تۇرۇۋاتقان قارشى تەرەپتىكى ئادەمنىڭ سۆز-تاۋۇشلىرى ۋە ھەرىكەت ھالەتلىرىمۇ ئوخشاشلا كۆرگۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا «يېقىشلىق» بولغىنى تەبىئىي ھوزۇردۇر. تەبىئىي ھوزۇرنىڭ ئەكسى بولغاندا، كۆرگۈچى تەرەپنىڭ سېزىمنىڭ ئىنكاسىدىن غىدىقلانغان روھىي تەڭپۇڭلۇغى مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ-دە، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بۇ خىل بىئاراملىق ھەر كىشىگە ياقمايدۇ. ئەقلىي ئىدراكلىق ئىنسانلار توپى ئەقلىي تەپەككۈر يۈرگۈزگەندە، ئاشۇنداق بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئادەم قىلىقلىرىنى ئورتاق ھالدا رەت قىلىشى بىر خىل تەبىئىي تاللاشتىن ئىبارەتتۇر. ... دىمەك، ھەر بىر مىللەت بىر تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي توپ سۈپىتىدە، ئەجداتتىن ئەۋلاتقا جۇغلاپ كەلگەن تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئاشۇنداق تەڭپۇڭلۇقنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا بۇزغۇچى ئادەم قىلىقلىرىنىڭ پايدىسىز تەسىرلىرىنى تەبىئىي رەت قىلىش ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. بۇنى بىز ئاشۇ مىللەتتىن ئىبارەت توپنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى دەيمىز. ئەخلاق ئالدى بىلەن مىللەتتىن ئىبارەت بىر تەبىئىي توپنىڭ ئورتاق «كېلىشىمى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھەرقايسى مىللىي توپلارنىڭ ئەجداتتىن ئەۋلاتقا جۇغلىنىپ كەلگەن ياشاش تەجرىبىسىدە بىرقىسىم تەبىئىي پەرقلەر مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇخشاش بولمىغان مىللىي توپلارنىڭ ئەخلاقتىن ئىبارەت ھەرىكەت «كېلىشىمى»دىمۇ روشەن پەرقلەر مەۋجۇت، ھەتتا ئوخشاش ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن قارىمۇ-قارشى پوزىتسىيەدىكى «كېلىشىم» شەكىللەندۈرگەن بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئەخلاق كىرىزىسى ئالدى بىلەن بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان زاماندا كۆپ يۈز بېرىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللىي توپ، ئۆزىنىڭ «ھەرىكەت كېلىشىمى» بولغان مىللىي ئەخلاق مىزانلىرى بىلەن سۇغۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن «قانۇن»لارغا تايىنىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى مىللەت ئەزالىرىغا نىسبەتەن مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا، مەجبۇرىي ياكى «تەبىئىي» ھالدا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، «ئاجىز» مىللەتنىڭ ئەخلاق مىزانلىرىنى بۇزىدۇ ياكى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانىيەت ئاڭ قاتلىمىنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى ۋە غەيرىي مىللىي توپ ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان كۈچلۈك غىدىقلىشىغا ئەگىشىپ، «ئاجىز» مىللىي توپتىكى بىرقىسىم ئىنسانلاردا «دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇق ھوزۇرى»غا بولغان يېڭىچە «بايقاش» ۋە ئاكتىپ «تۈزىتىش» ئىنكاسى كۆرۈلۈپ، ئۆز ئىچىدىن «ئىنسانىي مەسئۇلىيەتچانلىقى» ئۇرغۇپ-تېشىپ، ئۆز مىللىي توپىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مانا بۇلار ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىدۇر. ئەخلاق كىرىزىسى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر ياكى كۆپلىگەن مىللىي توپنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ «تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلۈشى» ياكى «ئىسلاھ قىلىنىشى» بولۇپ، ماكرو جەھەتتىن ئالغاندا، بۇمۇ بىر خىل تەبىئىي تاللاشتۇر. ئۇ(ئەخلاق كىرىزىسى) ئېھتىمال ئىنسانىيەتنىڭ پەيتلىك ھوزۇر-ھالاۋىتى ۋە نىسبىي «ئىجتىمائىي ئادىللىق» ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدىكى «ئاكتىپلاشتۇرۇش» رولىنى ئوينىشى مۈمكىن. ئەمما ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ پارتلىشى، مەلۇم بىر مىللىي توپنىڭ توپ سۈپىتىدە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا نىسبەتەن ئېغىر خىرىس پەيدا قىلىدۇ. نىسبەتەن شىددەتلىك پارتلىغان ئەخلاق كىرىزىسى، ئۆز زامانىسىدا، ئاشۇ ئەخلاق كىرىزىسى يۈز بەرگەن مىللىي توپنىڭ ئىچكىي قىسمىدا تارىختىن بۇيان «داتلىشىپ» مۇقىملىشىپ قالغان خېلى زور سالماقتىكى مۇۋازىنەت ۋە مۇستەھكەم بىرلىكنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىرقەدەر ئېغىر دەرىجىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى پەيدا قىلىپ، ئاجىز توپلارغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئۆز ئەخلاق مىزانلىرى تەركىبىدە مەلۇم «ناھوزۇر» ياكى «ئانچە ئادىل بولمىغان» تەركىپلەر بولسىمۇ(بولۇپمۇ قىلىقسىز ئەسەبىيلەر ۋە ئاشقىنلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق)، مەلۇم تاشقى بورانلارغا ئەگىشىپ مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىدىن قىسقا دەۋر(ئەسىر) ئىچىدە بىر-بىرلەپ ۋاز كېچىش ياكى يەڭگىللىك بىلەن «ئىسلاھ» قىلىش، شەرتسىز ھالدا ئاشۇ مىللىي توپنىڭ مىللىي بىرلىك «كېلىشىمى» بولغان ئەخلاق مىزانلىرى(ئىپتىدائىي قانۇن)نى چاك-چېكىدىن پارچىلاپ، شۇ مىللەتنىڭ ئىنسانىي ھەمكارلىق توپىنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. =B/s H N T;:',T[G مىللىي ئەخلاق مىزانلىرى، بىر مىللەتنى مۇستەقىل بىر مىللەت سۈپىتىدە كۆرسىتىپ تۇرىدىغان تەركىپلىگۈچى ئامىللار بولغان تىل-يېزىق، كىشىلىك ئالاقە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئىجتىمائىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد، تىرىكچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق بارلىق نەرسىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەر بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ، ئۇ بىر مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە قوغداپ قېلىش ۋە شۇ مىللەتنىڭ توپ سۈپىتىدىكى ئومۇمىي، ئەنئەنىۋى مەنپەئەتىنى دەخلىسىز كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا، ئومۇمىي «خىتابنامە» ياكى «مىللىي قانۇن» سۈپىتىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. مىللىي ئەخلاق يىمىرىلسە، شەك-شۇبھىسىزكى مىللەتنىڭ تىل-يېزىق، كىشىلىك ئالاقە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئىجتىمائىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد، تىرىكچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق بارلىق نەرسىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەر بۇزۇلۇپ، بىر-بىرىگە ئەگىشىپ يوقىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا تەدرىجى ھالدا غەيرىي مىللىي توپلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم-كېلىشىملىرى دەسسەيدۇ. ئەكسىچە مىللىي ئەخلاقنى تەركىپلىگۈچى ئاشۇ ئامىللارغا سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەردە ئۆزگىرىش ۋە بۇزۇلۇش كۆرۈلسە، شەك-شۈبھىسىزكى، مىللىي ئەخلاقمۇ چاك-چېكىدىن يىمىرىلىدۇ. شۇڭا، ئاقىللار ھەرگىزمۇ ئالدىراپ ئەخلاق مىزانلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى دۇرۇس كۆرمەيدۇ، تۇمشۇغىنىڭ ئۇچىدىكى مەنپەئەتنى دەپلا ئەجداتلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل-ئىدرىگىنىڭ جۇغلانمىسى بولغان بۈيۈك مىراس ـــ ئەخلاق ئەھكاملىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ ئىسيان كۆتۈرمەيدۇ؛ مىللەتنىڭ تىل-يېزىق، كىشىلىك ئالاقە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئىجتىمائىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد، تىرىكچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق بارلىق نەرسىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ... q^jqLT&w >n$E e J ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ دەخلىسىز بولۇشى، بىر مىللەتنىڭ دەخلىسىز بولۇشىنىڭ نامايەندىسى ۋە كاپالىتىدۇر. مىللىي توپ ئەخلاقىنى قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە قۇرۇلغان مىللەتلەر بىرلىگى يىلتىزسىز دەرەخ، مەنبەسىز سۇغا ئوخشايدۇ، بۇ خىل شەكىلدە قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ھۇلى بوش، سەلتەنىتى قىسقا بولىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن ھەر بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئەخلاقىنى قوغداش، بىر دۆلەتنى ھەقىقىي مەنىدىكى چوڭ بىرلىك توپى قىلىپ شەكىللەندۈرۈشتىكى شەرتسىز مەسئۇلىيەتتۇر. ھەر-بىر مىللەت دۆلەتتىن ئىبارەت «بىنا»نى تەشكىل قىلغۇچى «خىش»لاردۇر، ھەر بىر پارچە «خىش» پارچىلانسا ياكى قومۇرۇلسا، بۇ «بىنا» بىر قەدەم زاۋال تاپىدۇ. ھەرقانداق توقۇنۇشتا، ئاسىي-مۇناپىقلارنىڭ تەقدىرى ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنىغا ئوخشاش، بىر مىللەت يىمىرىلسە، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئەخلاق مىزانلىرىنى بۇزغۇچى ئاسىي-مۇناپىقلار ۋە ئۇلارنىڭ قەۋم-قېرىنداشلىرى ھەممدىن پەتتەر خار-زەبۇن بولىدۇ... مىللىي ئەخلاقنى بىلىپ-بىلمەي بۇزۇش ـــ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۆزىگە ئۆزى ئورا كولىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس... شۇڭا دەيمەن، ئەي سۆيۈملۈك قېرىندىشىم، مىللىي ئەخلاقنىڭ ھەر-بىر ھۈجەيرىسىنى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى، مىللىي ئەخلاقنىڭ بەزى ماددىلىرى بىزگە ياقسۇن ياكى ياقمىسۇن، ئۇنى ئىككىلەنمەي قوغدايلى(ئۆزىمىز قوغدىمىغان مىللىي ئەخلاقنى ھەرگىزمۇ باشقا مىللىي توپلار كېلىپ قوغداپ بەرمەيدۇ)، بىلىپ-بىلمەي «ئېقىم»لارغا ئەگىشىپ، دوستمۇ-دۈشمەنمۇ ئوخشاشلا يىرگىنىدىغان شەرمەندە ئاسىي-مۇناپىقلاردىن بولۇپ كەتمەيلى!!! z/P^-N> $dVgFot ئۇنداقتا، بىز قوغداشقا تېگىشلىك مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىمىز، يەنى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزگەرمەي كەلگەن مىللىي تىل-يېزىق، كىشىلىك ئالاقە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئىجتىمائىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد، تىرىكچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق بارلىق نەرسىلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۆلچەم-كېلىشىملەر قايسىلار؟ ئۇنى قانداق قوغدايمىز؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى مانا ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىز ئىزدەڭ. ئىشىنىمەنكى، ئەڭ ياخشى جاۋاپنى سىزنىڭ قىلىقلىرىڭىزدىن تاپالايمەن... eo<~1w *mK);@pL {R1Cxt} ?4wehcZz 2012-يىلى 29-يانۋار، ئاقسۇ.
-
مەكتەپلەرنى يىغىش» زادى پايدىلىقمۇ؟ - [مائارىپ توغىرسىدا]
2012-04-15
« كۆچۇرۇلمە :«مەكتەپلەرنى يىغىش» زادى پايدىلىقمۇ؟ مەكتەپلەرنى يىغىپ باشقۇرۇش» 2001-يىلدىن باشلانغان، يېزابازارلاردىكى مەكتەپلەرگە قارتىلغان مائارىپ ئىسلاھاتى بۇلۇپ، ئەسلىدىكى يېزا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى شەھەردىكى بىر جايغا يىغىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. 2001-يىلى گوۋۇيۈەن « گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسى مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» دېگەن ھۆججىتى چۈشۈرۈلدى. ھۆججەتنىڭ 13-ماددىسىدا « جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرى مائارىپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرلىشىنى تەڭشىسە بۇلىدۇ» دىيىلگەن بۇلۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر چۇقۇم ئۇقۇغۇچى بالىلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان جايغا يېقىن بۇلۇش، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر نىسبەتەن مەركەزلىشىش، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بۇيىچە، مەكتەپلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، قاتناش قۇلايسىز بولغان رايۇنلاردىكى ئۇقۇتۇش نوقتىللىرىنى ساقلاپ قېلىش ، مەكتەپلەرنى قايتا ئۇرۇنلاشتۇرۇش تۈپەيلى ئۇقۇغۇچىلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش لازىم، دەپ ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭگۇيېزىللىرىدا «مەكتەپلەرنى يىغىش» ئەسەبىلەرچە ئېلىپ بېرىلدى. %E"v@ $wn0oIuW 1997-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە يېزاباشلانغۇچ مەكتەپ سانى ئىستاتىكىسى ?bpV dm! 1997-يىل 2009-يىل كەمەيگەن ئۇمۇمى مەكتەپ سانى ئوتتۇرچە ھەركۈنى كەمەيگەن سانى !? ?g:2 مەملىكەت بۇيىچە باشلانغۇچ مەكتەپ سانى 512993 234157 278836 64 `H 'wz7 مەملىكەت بۇيىچە يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ سانى 628840 280184 348656 80 =ZO lE|4 (جۇڭخۇاخەلىق خۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سان) a6Joa&`dv بىرىنجى: «مەكتەپلەرنى يىغىش» نىڭ باھانە- سەۋەپلىرى:1- [ [pt~=0 يېزىلاردىكى ئۇقۇغۇچىلار مەنبىئى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى بىلەن كەمەيگەن .2- يېزىلاردىكى كىچىك باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى يىغىۋەتكەندە، ئۇقۇتقۇچى ۋە مائارىپ سېلىنمىسى جەھەتتىن ئىقتىسات قىلغىل بۇلىدۇ. 3- مەكتەپلەرنىڭ كۈلۈمى كەڭەيگەندە، كۈلەم ئارقىلىق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى كۈتۈرگىلى بۇلىدۇ.4- يېزاباللىرىنىڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئۇقۇشى بىلەن شەھەر-يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى ئازايتقىلى بۇلىدۇ. >t<\zC|~w يۇقارقى سەۋەپلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنجىسى چەك باسقاندىن سىرىت، قالغانلىرى پەقەت يەرلىك مائارىپ سىياسەتلىرىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرى تېپىپ چىققان سەۋەپلەردۇر. كىيىنكى ئەمەلىيەت بۇخىل ئارزۇ- ئۈمۈتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەمما يەرلىك ھۈكۈمەتلەر «مەكتەپلەرنى يىغىش»ئىشغا تەلۋىلەرچە قىزىقىشىدىكى سەۋەپ يۇقارقى تۆت تۈرلۈك سەۋەپ بىلەننمۇ مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. بۇنىڭدىكى ھەقىقى سەۋەپ ئەمەلىيەتتە، يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ بۇلۇپمۇ ناھيە دەرىجىلىك ھۈكۈمەتنىڭ يەرلىك مالىيە بېسىمىنى زور دەرىجىدە يىنىكلەتكەنلىكىدە. T:Ovh.$ 2001- يىلى، دۆۋلەتنىڭ باج ھەق ئىسلاھاتى ئۇمۇمىيۈلۈك ئېلىپ بېرىلدى. بۇئىسلاھات ئېلپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى مائارىپ سېلىنمىسنى ئاساسىلىقى يېزابازارلار ئۈستىگە ئالاتتى (دېھقانلاردىن يىغىۋالاتتى). 2001-يىلى باج ھەق ئىسلاھاتى (باجنى ھەققە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى) ئۇمۇمىيۈزلۈك يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن، ھەرخىل يېزائىگىلىك قۇشۇلماباج ۋە ھەرخىل كوللىكتىپ جۇغلانمىلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن ناھيەيېزىلارنىڭ مالىيەكىرىمى كەمەيدى. 7xQ:[P!G+ 2001-يىلى دۆۋلەت مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى، بۇ «مائارىپ گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، يەرلىك ھۈكۈمەتلەر مەسئۇل بۇلۇپ، دەرىجىگە بۈلۈپ باشقۇرۇشتەك ناھيىنى ئاساس قىلىدىغان مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈلمىسى»دىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەرنىڭ سېلىنمىسى زور دەرىجىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. چۈنكى مەركەزدىن يەرلىك مائارىپقا مەبلەخ ئاز بىرىلدى، ئەمما يەرلىكلەر باج ھەق ئىسلاھاتى تۈپەيلى كىرىمى ئازىيىپ كەتكەچكە مائارىپقا سېلىنىمىسى تېخىمۇ يىتىشمىدى، شۇنىڭ بىلەن «مەكتەپلەرنى يىغىش» نى ئەسەبىلەرچە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق چىقىمىنى تىجەشكە ئۇرۇندى. bdLi _k ئىككىنجى: «مەكتەپلەرنى يىغىش» يەرلىك مالىيىگە زادى قانچىلىك پايدا ئەپ كەلدى؟2009-يىلى خۇاشاڭ گېزىتى مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئىشلىگەن بۇلۇپ، مەلۇم بىر يېزا مەكتىپىنى نوقتا قىلغان، بۇمەكتەپنىڭ «مەكتەپلەرنى يىغىش»تىن بۇرۇنقى چىقىمى 263مىڭ 816يۈەن بولغان بولسا، «مەكتەپلەرنى يىغىش» دىن كىيىنكى چىقىمى 213مىڭ 744يۈەن بولغان. شۇنداق بولغاندا بىرمەكتەپ يىلدا50مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تىجەپ قالسا، پۈتۈن ناھيەبۇيىچە يىگىرمە مەكتەپتىن يىلىغا بىرمىلىيۇندىن ئارتۇق مەبلەخ تىجىگىلى بۇلىدۇ، ئوتتۇزيىلدا 30مىلىيۇندىن ئارتۇق تىجىگىلى بۇلىدۇ. d S'J@e=# «مەكتەپلەرنى يىغىش» نىڭ ئەسلى مۇددىئاسى مانامۇشۇنداق ھەم تىجەشلىك ھەم ئۈنۈملۈك بۇلۇشنى كۆزلىگەن بولسا، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىغان. ? |#dGk g «مەكتەپلەرنى يىغىش» تىن تېخىمۇ كۆپ ئىسراپچىلىق كىلىپ چىققان. بىرىنجىدىن ئەسلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئەسلىھەلىرى يېڭى مەكتەپكە ئېلىپ كەلمەي تاشلىنىپ قالغان. كونامەكتەپنىڭ سىنىپ-ئىشخانا بىنالىرىنى يەرلىك ھۈكۈمەت ئىسكىلات قىلغان، ياكى كارخانىلارغاساتقان ياكى باشقا ئىشقا ئىشلەتكەن، ھەتتا چارۋاباقىدىغان قۇتان قىلىۋالغان. يېڭى مەكتەپتە بولسا «مانچىلىك يېڭى ئۇقۇغۇچى يېڭىدىن كەلدى» دەپ ئۇنىڭغا يەنە كىشى بېشىغا پۇل سۇندۇرۇپ يېڭىدىن ئەسلىھە سېتىۋالغان. ئىككىنجىدىن ناھيەدەرىجىلىك مالىيە چىقىمى كېمەيگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا چىقىملار ھەسسىلەپ ئاشقان. مەسىلەن: يېڭى كەلگەن بالىلارغا ياتاق، سىنىپ، تەنتەربىيەمەيدانى، ئىشخانا، كۈتۈپخانا ۋە باشقا تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بۇلۇپ نەچچەئون ھەسسە مەبلەخ كەتكەن. ئۈچۈنجىدىن، دېھقانلارنىڭ يۈكى ھەسسىلەپ ئاشقان. مەجبۇرى ھالدا شەھەر-بازارلارغا يۆتكەلگەن بالىلار يەنە نۇرغۇن قاتناش ھەققى، تاماق ھەققى، ياتاق ھەققى، دەرىس تۇلۇقلاش ھەققى ۋاھا-كازا ھەقلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى تاماقنى ئۈيىدىنلا يەپ چىقىدىغان، ھېچقانداق قاتناش ھەققى، ياتاق ھەققى كەتمەيدىغان بالىلار ئەمدى نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە توغراكەلگەن، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەن، بۇلۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار نامراتلار تېخىمۇ نامراتلىشىشقا سەۋەپ بولغان. ئەسلىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش ئەمەس بەلكى چۇڭايتىۋەتكەن. #vhN$H:&q ئۈچۈنجى: مەكتەپەرنى يىغىشتىكى دەسلەپكى باھانە-سەۋەپ « كۈلىمى كىچىك، ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى ئاجىز، شارئىتى ناچار...» دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئەمما تەتقىقاتلارغا ئاساسىلانغاندا، مەكتەپلەر يىغىلغاندىن كىيىن بالىلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىدە ياخشىلىنىش بولمىغان. ئۇنداقتا ئاتالمىش شەھەردىكى ئىسىل مۇھىت، ياخشى ئەسلىھە، داڭلىق ئۇقۇتقۇچىلار يەنە نىمەئۈچۈن بۇبالىلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۈتۈرەلمىدى؟ يېزاباللىرى شۇنداق دۆتمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس، بۇنىڭىدىكى سەۋەپ كۆپ تەرەپلىمە بۇلۇپ، ئاساسىلىقى بالىلار كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ كۆڭلى توق، رۇھى جەھەتتىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ، مەكتەپلەر يىغىلغاندىن كىيىن بالىلار كىچىكىنەك تۇرۇپلا ئاتا-ئانا ۋە ئۆيدىن ئايرىلىپ، رۇھى جەھەتتىن يىتىمسىرايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆسىتىدۇ. بالىلار يىراقلاردىن كېلىپ ئۇقۇيدىغان بولغاچقا، يولدىكى قاتناش قىيىنچىلىق ۋە ھارغىنلىق مەلۇم جەھەتتىن ئۈگۈنۈش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلار كىچىك بولغاچقا نەچچەمىڭ بالىلار يېتىپ ئۇقۇيدىغان ياتاق تۇرمۇشىغا كۈنەلمەي رۇھى جەھەتتىن بسىمغا ئۇچۇرايدۇ. كىچىكىنەك تۇرۇپلا ئاشخانىلاردا ئۈچىرەتكە تىزىلىپ تاماق ئېلىپ يىيىشمۇ تەس تۇيۇلىدۇ، نەچچەمىڭ كىشىلىك ئاشخانىلارنىڭ تازىلىق ۋە باشقا تەرەپلەردىن تەلەپكە لايىق بۇلىشىمۇ ناتايىن. يىغىلغان مەكتەپتە ئادەم سانى ھەددىدىن كۆپ بولغاچقا، ياتاقتا ئاغرىپ قالغان بالىلار ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش مېھرىبانلىققاتەشبۇلىدۇ-يۇ ئەمما دەمال ئۇنىڭغا ئىرىشەلمەيدۇ. ماناشۇنداق سەۋەپلەر ناھايىتە كۆپ. مانابۇمەسىللەرنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۇل كىتىدۇ، ئەمما يەرلىك ھۈكۈمەت پۇل تىجەش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشى بولغاچقا، بۇمەسىلەر يەنىلا ھەل بولمايدۇ. ?Pa(e)8\ ئەۋرىشكەئېلىپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، نەچچەمىڭ كىشىلىك مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تاماق قۇۋىتى ئۆلچەمگە يەتمەيدىكەن، ئۇزاق يىل تاماق قۇۋىتى ياخشى بولمىغاچقا، بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى تۈۋەنلەپ، ئاخىرىدا بىرئەۋلات تىنى ئاجىزبالىلار مەكتەپتىن چىقىدىكەن. ئوخشاش ياشتىكى بالىلاربىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇبالىلارنىڭ تەن ئىگىزلىكى، ئەقلى سەۋىيىسى، بەدەن ساپاسى، پىسخىك ھالىتى، جەمىيەت ئۇمۇمى ئەخلاقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېغىر مەسىللەر ساقلانغان. دېمەك بىرئەۋلات بالىلار ھەممە جەھەتتىن نابۇت بولماقتا. JT!9LNh;R` بۇبالىلارنىڭ چۇڭى 11-12ياش بولسا كىچىكلىرى بەكلا كىچىك، بالىلار بالدۇرلار ئائىلىسىدىن ئايرىلغىنى ئۈچۈن ئائىلە تەربىيىسىدىن مەھرۇم قېلىش، ئاتا-ئانا مېھرىگە قانماسلىق، كۆڭلىدە مېھرى-مۇھەببەت كەمچىل بۇلۇپ يىتىلىش، پىسخىك جەھەتتىن نۇرمال يىتىلمەسلىك قاتارلىق بىرقاتار زور بەدەل تۈلەيدۇ. بۇلار بەئەينى خۇددى «ماشىنائادەم» بۇلۇپ چوڭ بۇلىدۇ خالاس. 3Pllxq<n ياتاق، تاماق ۋە قاتناش ھەقلىرىگە چىقىنالمىغان ئائىللەر باللىرىنى مەكتەپتىن بالدۇرلا چىكىندۈرۈشكەمەجبۇر بۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەنە بىرتۈركۈم بالىلار نابۇت بۇلىدۇ. {y a . مانابۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى «شەھەر يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش» دېگەن شۇئار قۇرۇق گەپكە ئايلىنىدۇ. qTN%9!0@9 تۆتىنجى: مەكتەپ ماشىنىللىرنىڭ ھادىسىگە ئۇچۇراش مەسىللەر شىددەت بىلەن كۈپەيگەن. يېقىنقى نەچچەيىل مابەينىدە مەكتەپلەرنى يىغىش شامىلى تۈپەيلى كىلىپ چىققان ئۇقۇغۇچىلار ئولتۇرغان مەكتەپ ماشىنىللىرىنىڭ قاتناش ھادىسىگە ئۇچىراش ۋەقەلىرى كۈپەيدى. بالىلار كىچىكىنە تۇرۇپلا ئېچىنىشلىق ئۈلۈپ كەتمەكتە، بۇكىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدۇ. HsUh5; خۇلاسە كالام، ئاشۇنداق ئاتالمىش سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، مەبلەخ تىجەش شۇئارى ئاستىدىكى مەكتەپلەرنى يىغىش شامىلى ئۇچۇرۇپ نابۇت قىلىۋاتقان يېزاباللىرى قاچانلىققا ھەقىقى مەنىدىكى، قىلچە يالغانچىلىق ئارلاشمىغان ئۇقۇش شارائىتىغا ئىگە بۇلىدۇ؟ مۇشۇخىل خاتا سىياسەتنى تەلۋىلەرچە يولغا قۇيىۋاتقان ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ باللىرىنىڭ ئەنەشۇنداق رۇھى، جىسمانى جەھەتتىن نابۇت بۇلىشىغا چىداپ تۇرالامدۇ؟ ئۈزىنىڭ ئارزۇلىق باللىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە ئېچنىشلىق ئۈلۈپ كىتىشىگە چىداپ تۇرالامدۇ؟ نېمەئۈچۈن گوۋۇيۈەننىڭ بۇ«قارار» ىنىڭ 13-ماددىسىدىكى « ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈيىگە يېقىن بۇلۇش ، ئۇقۇشىغا قۇلايلىق بۇلۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش» دېگەن بەلگىلىمىسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ .c ~z^6x 2010-يىلى، «مەكتەپلەرنى يىغىش» تىكى كۆپلىگەن مەسىللەر تۈپەيلى گوۋۇيۈەن يەنە « مەكتەپلەرنى يىغىپ باشقۇرۇشنى ۋاقتىنچە كىچىكتۇرۇش» دېگەن ئۇقتۇرۇشنى چىقاردى، ئەمما كاللىسى قىزىغان يەرلىك ئەمەلدارلار نىڭ «قىزغىنلىقى» تېخى تۈگۈگىنى يوق. *z)gSX ھەممىمىز سىياسەت يولغا قويغۇچىلارنىڭ ئۈزىنىڭ يۈرىكىنى تۇتۇپ بېقىپ ئاندىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ، ئىنسانىيلىققا ئۇيغۇن، ھەقىقى خەلىقپەرۋەرلىكنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قۇيىشىغا تەشنابىز. \D(3~y> مەنبە ئەلكۇيى مۇنبىرى
-
ئۇيغۇر مائارىپى ئۇۋال مائارىپ - [مائارىپ توغىرسىدا]
2012-04-15
مەن 11 يىل ئوقۇغۇچى ، 29 يىل ئوقۇتقۇچى بولدۇم . مۇشۇ 40 يىلىمغا ھەمرا بولغان ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر سالسام ، " ئۇيغۇر مائارىپى ئۇۋال مائارىپكەن " دېگەن خۇلاسىگە كېلىمەن : H({m1v ~R 1966- يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " ئېلىپ بېرىلدى . بۇ چاغدا مائارىپىمىزنىڭ قانداق بولغانلىقىنى مەن سۆزلىمىسەممۇ ، كۆپچىلىككە بىلىدۇ . 1970– يىلىدىن 1973 – يىلىغىچە " مائارىپنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك " دېگەن چاقىرىق بىلەن مەكتەپلەر تاقىۋىتىلىپ ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئېتىزلىققا ھەيدىۋىتىلدى . 1970 –يىلىدىن 1980 – يىلىغىچە ستالىننىڭ "لاتىنچىنى ئومۇملاشتۇرۇش " دېگەن بۇيرۇقى باشقا مىللەتلەردىن چەتنەپ ئۆتۈپ ، يەنە ئاناي تاپماق ئاسان بولغان ئۇيغۇر مائارىپىدا ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلدى . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپى 10 يىل يېڭى يېزىق دېگەن يېزىقتا ئوقۇتۇش ئېلىپ باردى . 1982- يىلى ئۇيغۇر مائارىپى ئۆز يېزىقىمىزغا قايتتى . بۇنىڭ بىلەن 1970 – يىلىدىن 1980 -يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا يېڭى يېزىقتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ساۋاتسىزلارغا ئايلاندى . ئەسلى يېزىقىمىزغا قايتىپ ئەمدىلا بىر ئىزغا چۈشۈش قەدىمىنى باسقان مائارىپىمىزنىڭ رولچىلىرى مائارىپىمىزنى " ياپونچە مائارىپ " دېگەن يۈلۈنۈشكە ھەيدىدى . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قوللىرىنى ئارقىغا قىلىپ ھەيكەلدەك ئولتۇرغۇزۇپ دەرس ئۆتۈش باشلىنىپ كەتتى . بۇ خىل ئوقۇتۇش 10 يىلدەك داۋاملاشقاندىن كېيىن ، مائارىپ رولچىلىرىمىز " نىشان خاتا بولۇپ قاپتۇ " دەپ ، مائارىپ پاراخوتىمىزنى ئامىرىكىغا قاراپ ھەيدىدى . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا بىر نەرسە يىگۈسى كەلسە ، يەۋەرسە بولىدىغان ، ئەركىن – ئازادە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى . بۇ خىل ئوقۇتۇشتا بەش يىلدەك مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن ، مائارىپ پاراخوتىنىڭ رولچىلىرى مائارىپ پاراخوتىمىزنى كاناداغا قارىتىپ ھەيدىدى . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلدى . كاناداغا قاراپ ئىككى يىلدەك ماڭغاندا " جۇڭگو ھۆكۈمىتى چادقىرۋىتىپتۇ " دېگەن بىر بۇيرۇق كەلدى . بۇنىڭ بىلەن باشقا ئوقۇتۇشلارنى تاشلاپ قويۇپ " قوش تىل مائارىپى"نى باشلاپ كەتتۇق . سولچىللىق ئاتا – بوۋىسىدىن قېنىدا مىراس قالغان بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز " قوش تىل مائارىپى" دېگەننى " خەنزۇ تىلى مائارىپى " دەپ چۈشىنىپ ، دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈشكە باشلىدى . يۇقۇرىغا ياخشىچاق بولۇشنىلا ئويلايدىغان بەزى ئەمەلدارلىرىمىز "دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتسە ياخشى بولىدىكەن " دېيىشىپ ، تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرىنى خەنزۇ تىلىدىلا چىقىرىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى . بۇنىڭ بىلەن بىر چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش يۈز بېرىپ ، تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرى خەنزۇ تىلىدا چىقىرىلدى . مائارىپىمىزنى باشقۇرۋاتقانلارمۇ مەيلى باشلانغۇچتا قوش تىلدا ئوقۇغانلار بولسۇن ياكى قوش تىلدا ئوقۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈشتىن ئىلگىرى باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ بولغانلار بولسۇن ھەممىسىنىلا "تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆگىنىسەن " دېگەن بىر تاياق بىلەن ھەيدەپ ماڭدى . بۇنىڭ بىلەن " مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش " يۈز بەردى . بەزى سىنىپلاردا خەنزۇ تىلىدا چىقىرىلغان دەرسلىكنى ئوقۇپ چۈشىنىدىغان ئوقۇغۇچى تۆتتىن بىرىگىمۇ يەتمىدى . ئوقۇپ چۈشىنىشى تۆتتىن بىرىگە يەتمىگەن ئوقۇغۇچى ئەسلىدىلا ئۆگەنمەك ئىنتايىن قېيىن بولغان ماتىماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنى قانداقمۇ چۈشىنىپ ماڭالىسۇن . سۈپەت بولۇپمۇ تەبىئىي پەندىكى سۈپەت ئەلەلىيەتتە ئىنتايىن تۈۋەن بولدى ، لېكىن ، تەكشۈرۈش كەلگەندە بۇنى مەلۇم ئامال – چارىلەرنى قوللىنىپ چاندۇرماي كەلدۇق . g yhy0 مېنىڭچە ، يۇقارقىدەك "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش" ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈشلەر " ھەرگىزمۇ ئىلمىي تەرەققىيات بولمىسا كېرەك . ئۇ پەقەت ، يۇقۇرىغا ياخشىچاق بولۇپ ، ئەمەلنى ئۈستۈرىۋالغۇچىلىكلا كۆرگىلى بولىدىغان پايدا . 1950 – يىلىدىن 1960 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەتتە " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " بولۇپ بۇ چاغدا نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئەمەللىرى ھەسسىلەپ ئۆسكەن . كېيىن ، ھۆكۈمەت ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، ئەمەلدارلار پايدىلانغان " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش "تىن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىنتايىن چوڭ زىيان تارتقانلىقىنى ، سانائەت ۋە يېزا ئىەىلىكىدە ئىلگىرلەش ئەمەس ، چېكىنىش بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان . لېكىن ، شۇ چاغدىكى يېزا ئىگىلىكى ، سانائەتتە يۈز بەرگەن " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش "لەرنىڭ ۋارىسلىرى " ئەمدى قالايمىقان قىلىنمىغان ئۇيغۇر مائارىپى قاپتۇ " دەپ " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش "نى ھازىر ئۇيغۇر مائارىپىغا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ . بۇنىڭغا مېنىڭچە ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ناھايىتى ھۇشيار بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، مائارىپتا زىيان تارتىش يېزا ئىەىلىكىدە ، سانائەتتە زىيان تارتىشقا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ . كېيىن ، "ئەستا " دەپ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ . {7;QZk( ئۇيغۇر مائارىپىدىن ئىبارەت پاراخوتنىڭ رولىنى تۇتقانلارغا مېنىڭ دەيدىغىنىم : سىلەر بۇ پاراخوتنى تەرەپ – تەرەپكە ھەيدەۋەرمەڭلار ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەت پاراخوتىڭلار ئەمەس . بۇ دېگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مائارىپى ! سىلەر ئەمدى ساياھەتنى توختىتىپ ، پاراخوتنى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە ھەيدەپ كېلىپ ، پاراخوتتىن چۈشۈپ ، تۆگىلەرگە مىنىپ ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ قۇرغاق ئانا زېمىنىمىزنى بىر ئايلىنىپ چىقىڭلار . شۇنداق قىلغىنىڭلاردىلا ، سىلەر دۇنيانى ئايلىنىپ تاپالمىغان ئۇيغۇر پائارىپىنى تاپالايسىلەر ! ھازىر مائارىپنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەيلى دېيىلىۋاتىسىلەر ، بىردەم ئۇنداق مائارىپنى ، بىردەم مۇنداق مائارىپنى يولغا قويۇپ ، تېخىچە ئۆزىنى تاپالمايۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداقمۇ بىراقلا دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بولسۇن . بۇ خۇددى " نىسىگە بەرسە پۈتۈن دۇنيانى سېتىۋالىمەن " دېگەندەك گەپقۇ . بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنى تاپايلى . ئۇنى تېپىپ ئالدى بىلەن شىنجاڭغا يۈزلەندۈرەيلى . شىنجاڭغا يۈزلەندۈرۈپ بولۇپ ، ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە يۈزلەندۈرەيلى ، ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە يۈزلەندۈرۈپ بولۇپ ، ئاندىن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى ئويلىشايلى . IM5[O}aq سۆزۈمنى خۇلاسىلىغاندا ، ئۇيغۇر مائارىپى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى . بىز ئۇيغۇرلار بۇ مائارىپنىڭ ئىگىسى . شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر پۇقراسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە تەلمۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆز خاسلىقىنى يوقۇتۇپ ، تونۇغۇسىز بىچارە ۋە ئۇۋالچىلىقتا قېلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلەيلى . ئۇنىڭ ئۆزىنى تېزرەك تېپىپ جۇڭگوغا ، دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى ! Wh~,?}laj
-
ئۇيغۇر قىزلىرى بۇنى كۈرۈڭلار - [قىزلارنىڭ تاللىشى]
2012-04-15
ئۇيغۇر قىزلىرى بۇنى كۈرۈڭلار كەل ھەي سۈيۈملۈك ئۇيغۇر قىزى ،ساڭا بۇ نەسھەتلەرنى قىلاي، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلساڭ، ئۆمۈر بۇيى راھەتتە ياشايسەن، ئۆمۈر يولدىشىڭ بىلەن ھېچ قاچان ئاراڭلار بۇزۇلمايدۇ. بۇ دۇنيادا بەخىتلىك ياشىغانغا ئوخشاش ئاخىرەتتىمۇ خوشال ياشايسەن، مەڭگۈ بەخت -سائادەتكە ئېرىشىسەن. 1.قانائەتلىك بول، يەنى ئۆمۈر يولدىشىڭ كەلتۈرگەن ئۇزۇق-تۈلۈك، كىيىم -كېچەكنىڭ ھەممىسىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلغىن. چۈنكى قانائەت قەلىبكە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. 2.ئېيتىلىۋاتقان گەپلەرنى دائىم قۇلاق سېلىپ ئاڭلا ۋە ھەمىشە ئىتائەتمەن بول. ئۆمۈر يولدىشىڭغا ئىتىراز بىلدۈرمە. ئۇنىڭ بىلەن ھەم پىكىر ۋە بىر نىيەتتە بولۇشقا ھەركەت قىل. بۇنداق ھەركەتلەر بىلەن جانابى ئاللاھۇ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسەن. 3.يولدۇشىڭنىڭ كۆزى چۈشىشى مۇمكىن بولغان ھەممە جايغا ئىتىبار بەر، شۇنداق قىلغىنكى، ئۇنىڭ كۆزى زىنھار قالايمىقان ھالەتلەرگە چۈشمىسۇن. 4.يامان ھىد چىقىش ئېھتىمالى بولغانلىكى نەرسە ۋە يەرلەرگە دىققەت قىل، ئۇلارنى تېپىپ تازلا. ئۆيىڭدىن دائىم خۇشپۇراقلار ئۈزۈلمىسۇن. چۈنكى پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر. 5.شۇنى ياخشى بىل، تازلىق ۋە لاتاپەت سۇغا باغلىق. ھەرقانداق نەرسە سۇ بىلەن پاكىز بۇلىدۇ. ئۆيلەردە سۇنىڭ پاكىز بۇلۇشىغا دىققەت قىل. 6.يولدۇشىڭنىڭ تاماقلىنىش سائىتى ۋە ئۇيقۇ ۋاقتىغا دىققەت قىل، تاماقنى ھەمىشە ئۇنىڭ ئادىتى بۇيىچە تەييارلا. ۋاقتىدا ئۇخلاش ئۈچۈن ئىشىڭنى ۋاقتىدا تۈگەت. چۈنكى، ئاچلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق خاپىلققا سەۋەپ بۇلىدۇ. 7.ئۆيۈڭدىكى مال -مۈلۈك ۋە جازىلارغا ئېھتىيات قىل، ئۇلارنى پاكىز تۇت. ئۆيۈڭدىن چاڭ -تۇزاڭ نىرى كەتسۇن. 8.يولدۇشىڭنىڭ يېقىنلىرىغا چىرايلىق مۇئامىلىدە بول، بۇ سىنىڭ ياخشىلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. بىراۋغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۇچۇق-يۇرۇق دوستانە بول. 9.يولدۇشىڭنىڭ سىرلىرىنى زىنھار باشقىلارغا تىنما. ئەگەر سىرلىرىنى ئەتراپقا يايساڭ، سەندىن رەنجىيدۇ. بىۋاپالىق يولىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. 10.يولدۇشىڭنى ھۆرمەت قىل. بۇيرۇقلىرىنى بېجىر. گەپ قايتۇرۇپ جاۋاپلاشما. ئەگەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ جاۋاپلاشساڭ، ئاچچىقى كىلىپ رەنجىشىگە ھەتتا دۈشمەن كەبى ھەركەت قىلىشىغا سەۋەپ بولىسەن. يولدۇشىڭنىڭ غەمكىن ۋەخاپا بولغاندا ئۆزۈڭنى خۇرسەن تۇتما. ئۇنىڭ غەم -ئەندىشىگە شىرىك بول ھەم سەن شۇنداق كەيىپىياتتا بول. قىسقىسى ،ئەي سۈيۈملۈك ئۇيغۇر قىزى، سەن يولدىشىڭىنى قانچىلىك ھۆرمەت قىلساڭ شۇنچىلىك ھۆرمەتكە، مۇھەببەتكە ئېرىشىسەن. ھەمىشە ئەخلاقلىق، ئىپپەتلىك بول. «ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورۇنغانلاردۇر»
-
رەسم - [رەسىملەر دۇنياسى]
2012-04-15

-
رەسم - [رەسىملەر دۇنياسى]
2012-04-15

-
رەسم - [رەسىملەر دۇنياسى]
2012-04-15

-
دەرس ئۆلچىمى - [مائارىپ توغىرسىدا]
2012-04-14
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: دەرس ئۆلچىمى ئېلىمىزدىكى مىليونلىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نېمىنى ئۆگىنىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نېمىنى ئۆگىتىشى، نېمىدىن ئىمتىھان ئېلىشى، دەرسلىكلەرنى قانداق تۈزۈشى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل 9-ئايدا، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىشتۈرۈش»نى ئاساس قىلغان يېڭى دەرس ئۆلچىمى ئون يىل ئىشلىتىلگەن دەرس ئۆلچىمى تۈزىتىلمە نۇسخىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ 3-، 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى يازىدىغان خەت سانى ئىلگىرىكى ئىككى مىڭ خەتتىن 1600 ئەتراپىغا ئازايتىلىدۇ. بىر قىسىم ساۋات خاراكتېرلىك ئوقۇتۇش تەلىپىگە قارىتا، ئىلگىرىكى تونۇش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش سەۋىيەسى چۈشىنىش، بىلىش سەۋىيەسىگە تەڭشىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېخىمۇ تەكىتلەندى. «ئىنگلىز تىلى»نىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغاندىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە تەلىپى-ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىيەلەيدىغان تۈرلۈك تىل ماھارىتىنى ئاساس قىلدى.ماتېماتىكا دەرسىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىدە، «ماتېماتىكا ئىدىيەسى» دېگەن يېڭى مەزمۇن تۇنجى قېتىم كۆپەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇلدى.
يېڭى دەرس ئۆلچىمىگە ئالەم قاتنىشى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش، ھىدروگېن ئېنېرگىيە قىلىنغان ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كىرگۈزۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە جۇڭخۇا تېبابەت دورىلىرى، ھۆسنخەت، چوت قاتارلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پەنلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى بۇ يىل باشلىنىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى -
ئادەم ئىچكى ئەزاسى - [رەسىملەر دۇنياسى]
2012-04-14
-
بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى - [ئسىل رىستىپلار]
2012-04-14
[ يوللۇغۇچى:hasanjan | ۋاختى:2009-03-12 13:06:00 | ئاپتۇرى: | مەنبە: | كۈرۈلىشى:6648قېتىم ] 1) 40گرام سۆلەپ مىسرى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ. 2) 40گرام كۈدۈر، 20گرام زەنجىۋىل ئايرىم- ئايرىم سوقۇلۇپ، 200گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە بىر- ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ. 3) 100گرام تەرەنجىۋىل (يانتاق شېكىرى) مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئېرىتمە سۈزۈۋېتىلىپ 300گرام يېڭى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سۇس ئوتتا قويۇلغۇچە قاينىتىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىچىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق، تولا چۈش كۆرۈش، ئورۇقلۇق ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. 4) 20گرام نوقۇت، 20گرام سۆلەپ مىسرى يۇمشاق سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، مەنى تۇتالماسلىققىمۇ شىپا بولىدۇ. 5) 20گرام شاقاقۇل، ئون گرام كاۋاۋىچىن، ئون گرام سەۋزە ئۇرۇقى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئەر- ئاياللاردىكى سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ. 6) ئالدى بىلەن 50گرام بادام مېغىزى، 50گرام پىستە مېغىزى، 30گرام پىياز ئۇرۇقى، 20گرام ئۇسۇڭ ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن بادام مېغىزى بىلەن پىستە مېغىزى ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ سوقۇلۇپ، 300گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قىتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، سەۋدادىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ. 7) 50گرام ياڭاق مېغىزى، 50گرام ئاقلانغان كۈنجۈت، 20گرام چامغۇر ئۇرۇقى، 20گرام زەنجىۋىل، 20گرام بىدە ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزى بىلەن كۈنجۈت ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇلۇپ، 400گرام ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئېستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ. 8) 30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. يۇقۇرقى رېتسىپلارنى ئەرلەرلا ئىشلىتىپ قالماستىن، ئاياللار ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، دورا ئىستېمال قىلغۇچى دورىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ياش قۇرامى، بەدەن قۇۋۋىتىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشى لازىم. دورىلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ھەسەلنى قاچىغا ئېلىپ، قاچىنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ھەسەلنى ئېرىتىپ، ھەسەلنىڭى كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ ھەسەل قولنى كۆيدۈرمىگىدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىش، مەلھەم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغىچە قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق كېرەك. بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا سوغۇق سۇ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
-
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﺶﻳﺎﻛﻰ - [نادىر تەرمىلەر]
2012-04-14
[ يوللۇغۇچى:hasanjan | ۋاختى:2009-03-10 19:30:35 | ئاپتۇرى: | مەنبە: | كۈرۈلىشى:1836قېتىم ] 1.ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ:ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﺶﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺴﺎ،ﺑﯘ ﺑﻮﻳﯘﻥﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﺎ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺋﯚﺳﯜﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﻖﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﺎﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺋﯚﺳﺴﻪﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺸﻰﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ.ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻗﺎﻥ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻼﭖﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯧﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ.ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥﯞﻩ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯘﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ ﺑﺎﺵ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﺸﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪﺑﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﺎﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 2.ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻖ:ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 4-5ﻟﻪﺭﺩﯨﻼﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﯞﻩ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﻗﺎﻳﺘﺎﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺑﻪﻟﻜﻰﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻚ ﻫﯧﺲﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﻛﯧﻠﯩﻨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻠﻪﺭﺩﯨﻦﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥﻫﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﯨﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﯞﻩﺭﻭﻫﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺪﻩﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. 3.ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ:ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻛﯧﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻚﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ ﻛﯚﺭﯗﻟﯩﺪﯗ،ﻟﯧﻜﯩﻦﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻨﺘﯘﺭﯗﭖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦﺋﯩﺸﺸﯩﻖ 20ﻣﯩﻨﻮﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ،ﺋﻪﮔﻪﺭﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯩﺸﺸﯩﺎﺑﯚﺭﻩﻙﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦﺗﯘﺭﯗﭖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯗ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﯜﺭﻩﻙﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﺕﻗﻮﻝ ﺋﯩﺸﯩﺸﻴﺪﯗ.ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦﺗﯘﺭﯗﭖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺩﯦﻤﻰ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺶﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﺸﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻧﯩﺴﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﯧﻨﯩﻜﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 3.ﺑﻪﺩﻩﻥﻗﯧﺘﯩﺶ :ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯧﺘﯩﺶ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦﭘﯜﺗﯜﻥﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﻮﻏﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻏﯘﻡ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﻮﺷﺎﻳﺪﯗ،ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ،ﺑﯘ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ،ﭼﯜﻧﻜﻰﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﺮﯞﺍ-ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﻳﺪﯗ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶﻫﺎﻟﯩﺘﻰﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﻮﻏﯘﻡ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﻰﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯧﺘﯩﺶ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺩﻩﻥﻗﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﻮﻏﯘﻡ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،ﺑﯘ ﺭﯦﻤﺎﺗﻮﺋﯩﺪ،ﺭﯦﻤﺎﺗﯩﺰﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺋﯚﺳﯜﺵﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.ﺑﻪﺯﻯ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦﻛﯚﭖﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﺍﻍ ﺗﯧﺮﻩ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺗﯧﺮﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﺸﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻤﯘﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯧﺘﯩﺶ ﻫﺎﺩﯨﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. 5.ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﯧﭽﯩﺶ: ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﯓ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩﻗﻮﺭﺳﺎﻕﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﯞﻩﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻖﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯗ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯﻗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺴﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺑﯘ ﺧﺨﻞﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ
-
ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي رېتسىپلىرى - [ئسىل رىستىپلار]
2012-04-14
[ يوللۇغۇچى:hasanjan | ۋاختى:2009-03-12 13:03:31 | ئاپتۇرى: | مەنبە: | كۈرۈلىشى:2210قېتىم ] قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىق پارچىلىرىنى گېرمانىيىنىڭ 3 - قېتىملىق، تۇرپان ئارخىئولوگىيە ئەترىتى تۇررپاندىن قولغا چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا. بۇ يازما يادىكارلىقلار، گەرچە قۇچۇ ( ئىدىقۇت ) ئۇيغۇر خانلىقى « ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ___ مىلادى 850 - يىلى قۇرۇلغان » دەۋرىدە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىگەرلىككە ئائىت تەجرىبىلەرگە قاراپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ۋە دورىگەرلىگىنىڭ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ ھەقتە خەلقارالىق تارىخ تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە نوپوزلۇق تارىخ ژورناللىرىدىمۇ ( ئۇيغۇر قەدىمقى زامان مىللى تىبابىتى ۋە دورىگەرلىگى ھەققىدە ) ئاز بولمىغان تەتقىقات ماتىرياللىرى ئېلان قىلىنىپ خەلقارادا زور تەسر قوزغىغان. مەسىلەن : تۈركىيىلىك رەشىت رەخمەتى ئارات 1930 - يىلى SBAW ( بېرلىن پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كونفرېنسىيىسىدە قىلىنغان دوكلاتىنىڭ پەلسەپە تارخ قىسمى ) نىڭ 1، 451 __ 473 - بەتلىرىدە ۋە 1932 - يىل SBAW نىڭ 2، 401 __ 488 - بەتلىرىدە ئۆز تەتقىقاتىنى ئېلان قىلغان. تۆۋەندە بۇنىڭدىن 1000 يىللار مۇقەددەم ئىلگىرى ئۇيغۇر ( ئىدىقۇتتا ) ئېلىدا قوللىنىلغان ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىگى ۋە رېتسىپلىرىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئاز بىر بۆلەك قىسمىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. « بۇ يەردە ئاددى ھەم چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن ئۈچۈن، قەدىمقى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ئېلىنمىدى » 1 - بۇرۇن كېسەللىكىنىڭ داۋاسى (1) بۇرۇن قانىغاننىڭ داۋاسى : ياش كۈنجۈت ئۇرىقىنى سوقۇپ، سۈيىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم تېمىتسا قان توختايدۇ. يەنە : كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە قان توختايدۇ. (2) بۇرۇن ئىچىگە ئۆسمە گۆش چىقىپ نەپەستىن قىينالسا، بۇرۇن ئاغرىسا __ قىزىل باغىر ( قىزىل مىس؟ ) بىلەن يار ئىككىسىنى يۇمشاق، ئاندىن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ بۇرۇن ئىچىگە تىقىپ بەرسە ئۆسمە گۆش چۈشۈپ كىتىدۇ. 2 - يۈرەك سىقىلىش ۋە دەم سىقىلىشنىڭ داۋاسى (1) يۈرەك سىقىلىش ۋە دەم بوغۇلۇشنىڭ داۋاس : ئانار ئۇرىغى، قارا تۇز، پىششىق سىڭىر، سىرىق چاكاندىلارنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ شورپا بىلەن ئىچىپ بەرسە يۈرەك سىقىلىش، دەم بوغۇلۇشنى داۋالايدۇ. (2) توغراق يىلىمىنى يۇمشاق سوقۇپ بۇغۇزغا قۇمۇش بىلەن پۈركۈپ بەرسە ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ. (3) قاربا تۇبىن يۇمغاقتىن ( بىر خىل دورا ئۆسۈملىگى ) ئىككى باقىرنى ( باقىر - مىسقال ) ئىككى باقىر پىششىق سىڭىر بىلەن قوشۇپ، ھەر كۈنى سەھەردە مۇسەللەس ياكى بوزا بىلەن ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ. (4) تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، دىمى سىقىلىىغان ئادەمگە ئىچۈرسە، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ. 3 . كۆز ئاغرىقىنىڭ داۋاسى (1) قارا ياغاچ قوۋزىقىنى چوشقا ئۆتى، ئۆچكە ئۆتى، توشقان ئۆتى ( بۇ ئۈچىلىسىنىڭ قايسىسىلا بولسا بولىۋېرىدۇ ) بىلەن كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى سۇغا ئارلاشتۇرۇپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، تېز ساقىيىدۇ. (2) كىمىكى كېچىسى ياخشى كۆرمىسە ( نامازشام قارغۇسى بولسا ) قارا ئۆچكىنىڭ يىتىم جىگىرىنىڭ ئىچىگە قارامۇچ سېلىپ ئوتقا كۆمۈپ، كۆپىگىنى ئېلىپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كېچىسى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ. (3) كەكلىك ئۆتىنى شېكەر بىلەن تەڭ ئۈلۈشتە قوشۇپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز يەنە ئېچىلىدۇ، ساقىيىدۇ. (4) كەكلىك ئۆتىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ مۇسەللەس ياكى بوزىغا قوشۇپ ئىچىپ بەرسىمۇ ( بۇنداق مۇسەللەس ياكى بوزىنى ئىچسە كىشىنى مەس قىلمايدۇ ) كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز ساقىيىدۇ. (5) كۆز غۇۋالىشىپ كۆزدىن سوغاق ياش كۆپ ئاقسا، كالا ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە، كۆز ئېنىق كۆرىدىغان بولىدۇ. (6) ئەگەر كۆزدىن ئىسسىق ياش ئاقسا، خام شېكەر بىلەن سېرىق ماڭگونى ئارىلاشتۇرۇپ ئىنەك مېيى بىلەن قوشۇپ بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ. (7) توشقان مىڭىسى ۋە كالا ئوتىنى ( مۇشۇ يېرى ئېنىقسىز - كالا ئوتىمۇ ياكى كالا ئۆتىمۇ ئېنىق دىيىلمىگەن ) ئىنەك مېيى بىلەن قوشۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. (8) كۆز زورۇقۇپ ياشاڭغۇرىسا، بېلىق ئۆتىنى كۆزگە، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. (9) كۆز زەخمىلىنىپ كۆرمەس بولۇپ قالسا، چۇۋىت ( مۇلەن ) نى سۇدا ئېزىپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ ئېچىلىپ كېتىدۇ. 4 . پۇت ئاغرىقىنىڭ داۋاسى (1) كۈنجۈتنى قورۇپ ياخشى سوقۇپ، قوي سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاغرىغان يەرگە يېقىپ بەرسە، يەلدىن بولغان پۇت ئاغرىقى ئوڭلۇنىدۇ. 5 . زۇكامنىڭ داۋاسى (1) ئەگەر كىمىكى تۇمۇ « زۇكام » تېگىپ ساقايمىسا، پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سوقۇپ ئۇنىنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلانسا، ھەرقانداق تۇمۇ « زۇكام » غا پايدا قىلىدۇ. (2) ئەگەر كىمىكى ئۈنى پۈتۈپ قېلىپ ئاۋازى چىقماس بولۇپ قالسا، بىر سۇڭچە ئۈزۈم تېلىنى دەل ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئىچىدىكى يۇمشىقىنى چىقىرۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە قىداي سىمىقىنى « قىداي سىمىقى __ بىر خىل دورا ئۆسۈملىگى » چالا - بولا سوقۇپ ئۈچ - تۆت چىمدىم قارامۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سېلىپ، ئاندىن ئۈزۈم تېلىنى جىپسىلاشتۇرۇپ يىپ بىلەن تېڭىپ، ئۇنىڭ سىرتىغا قەغەز يۆگەپ ئىسسىق كۈلگە كۆمۈپ، ئۈزۈم تېلىنىڭ يېرىلغان يېرى تۇتاشقاندىن كىيىن قەغەزنى سويۇۋېتىپ، ئوتتۇر چىش بىلەن چىشلەپ، ئېغىزنى ئاچماستىن شەربىتىنى ئىككى - ئۈچ قېتىم شورىسا، ئۈنى ئېچىلىپ كېتىدۇ. 6 . باش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى (1) قىزىل ۋە ئاق چىندانلارنى قارامۇچ، ئىنەك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ. (2) كۈنجۈت مېيى بىلەن ئىپارنى ئازراق قىزىتىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ. (3) قىزىل چىندان، ئاق چىندان، قۇشدى « قۇشدى __ بىرخىل دارا ئۆسۈملىگى » تىۋىلغا، سېرىق كۆجىلەرنى ئىككى باقىر « باقىر __مىسقال » دىن ئارىلاشتۇرۇپ كۈنجۈت يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، باش ئاغرىقى توختايدۇ. 7 . قوتۇر كېسىلىنىڭ داۋاسى (1) يۇلدۇرغان « يۇلدۇرغان ___ بىر خىل دورا ئۆسۈملىگى » نىڭ ياش چېچىگىنى يۇمشاق سوقۇپ بىر قوشۇق ئېلىپ، ئۇنى بىر ئاپقۇر قېتىققا قوشۇپ ئاچ قۇرساققا ئىچسە، قوتۇر كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ. (2) يەنە بىرى __ يولدۇرغاننىڭ قۇرۇق چېچىكىدىن بىر باقىر « باقىر _ سەر » نى يۇمشاق سوقۇپ ئۇسسىغاندا ئىچىپ بەرسىمۇ، قوتۇر كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەمما كۆپ ئىچىۋەتسە بولمايدۇ. (3) چوشقا ئۆتىنى ئۇدا ئۈچ سەھەر ئاچ قۇرساققا ئىچىپ بەرسە، قوتۇر كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ. 8 . مەيدە ئاغرىقىنىڭ داۋاسى (1) نۇقۇتچا « نۇقۇتچا __ پۇرچاقنىڭ بىر خىلى » نى يۇمشاق سوقۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، مەيدە ئاغرىقى ساقىيىپ كېتىدۇ. 9 . قولتۇق پۇراشنىڭ داۋاسى (1) مەگەركى كىمنىڭ قولتۇغى پۇرىسا، ئۆپكىنى يانچىپ ئۇدا ئۈچ كۈن قولتۇغىغا يېقىپ « سۈرتۈپ » بەرسە قولتۇغى پۇرىمايدىغان بولىدۇ. 10 . يامان جاراھەتنىڭ داۋاسى (1) قايسى كىشىگە يامان يارا « جاراھەت » چىقسا، نۇشۇدۇر يىلىمنى قۇرۇت بىلەن قوشۇپ، يارا ئۈستىگە يېقىپ بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ. (2) ئېغىز ئالمايۋاتقان يارىغا ئىنەكنىڭ، قوينۇڭ، مۈڭگۈزىنى سوقۇپ يېقىپ « سۈرتۈپ، سېپىپ » بەرسە، پات ئېغىز ئېلىپ ساقىيىپ كېتىدۇ. (3) ئون يىللاپ ساقايمىغان جاراھەتكىمۇ ئۆپكىنى يانچىپ سۈرتۈپ « سېپىپ » بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ. ناۋادا بۇنىڭدىمۇ ساقايمىسا، قارا ئۇننى يار تۇزى بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىرىنى جاراھەتكە تېڭىپ « چاپلاپ » بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ. 11 . يانپاش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى (1) قايسى كىشىنىڭ يانپىشى ئاغرىسا، ياۋا كەپتەرنىڭ مايىقىنى قارا ئۇن بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىرىنى يانپىشىغا ئۈچ كېچە يېقىپ « چاپلاپ » بەرسە، ساقىيىپ كېتىۇ. 12 . قورساق ئاغرىقىنىڭ داۋاسى (1) قالغاچ ئوۋىسىدىكى توپىنى سۈت بىلەن قوشۇپ ئىچسە، ساقىيىدۇ. (2) تولغاق بولۇپ ساقايمىسا، سۇڭ پىيازنىڭ پوستى بىلەن يىلتىزىنى سوقۇپ قېتىققا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ. 13 . چىش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى (1) ئۈچ ياشلىق قارا كالىنىڭ تېزىكىنى تاۋىدا قۇرۇتۇپ چىشقا ياقسا، ئاغرىق توختايدۇ. (2) چىشنى قۇرۇت يىگەندە ئۈزۈم سىركىسى « ئاچچىق سۈيى » بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. (3) بىر مىسقال قارامۇچنى سىركە « ئاچچىق سۈ » بىلەن قاينىتىپ، سوۋۇتۇپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ. (4) پىششىق سىڭىرنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ. (5) سېرىق ئۆرۈك مېغىزىنى سوقۇپ مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسىمۇ چىش ئاغرىقى توختايدۇ. 14 . تېرە كېسەلىنىڭ داۋاسى (1) يۈزنى ئۇششاق دانىخورەك بېسىپ كەتسە، توخو تۇخۇمى بىلەن توخو ئۆتىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە، دانىخورەك ساقىيىپ كېتىدۇ. (2) كىمنىڭ تېنىگە سۆگەل چىقسا، ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرتسە، سۆگەل يوقايدۇ. (3) قايسى كىشى ئالا ئەت « پىسە » بوپ قالسا، بېدىياننى يېرىپ - ئېزىپ سۈيىنى پىسە بولغان يەرگە سۈرۈپ بەرسە، ئالا ئەت يوقايدۇ. (4)تۆگە سۈيدىگىنى باشقا سۈرتسە، باشتىكى كېپەك يۇقۇلىدۇ. 15 . كاللىدىكى كېسەلنىڭ داۋاسى (1) كىمنىڭ كەنجى ئوغلى ئاجىز بولۇپ قالسا، ئەشكەك توزى « بىر خىل دارا ئۆسۈملىگى » نى بېشىغا تېڭىپ بەرسە، ساغلام بولىدۇ. (2) ساراڭ بولۇپ « ئېلىشىپ » قالغان ئادەمگە بۇغا مۈڭگىزىنى يۇمشاق سوقۇپ سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. 16 . قۇلاق كېسىلىنىڭ داۋاسى (1) قۇلاققا كىر توشۇپ قېلىپ ئاڭلاشقا تەسىر قىلسا، قارغۇ چاشقاننىڭ ئۆتىنى تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئېچىلىدۇ. (2) ئۈلۈك مۈشۈكنىڭ يېغىنى ئېرىتىپ سۈرۈپ بەرسىمۇ، قۇلاق ئېچىلىدۇ. 17 . غالجىر كېسىلىنىڭ داۋاسى (1) بۆرىنىڭ سۆڭىگى بىلەن تىلىنى قۇرۇتۇپ، غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىنىڭ بېششىغا سۈرتۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. (2) غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىگە، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يىگۈزسە ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. 18 . سىيگەك كېسىلىنىڭ داۋاسى (1) سىيگەك كىشىگە تۆگە گۆشىنى ئارپا يارمىسى بىلەن قاينىتىپ ئۈگرە قىلىپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. (2) قايسى كىشىنىڭ تەرىتى قان كەلسە، ئۈژمە، قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنى ھەركۈنى سەھەردە ئىچۈرۈپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. (3) كىمىكى قان سىيىدىغان بولۇپ قالسا، پىيازنى پۇشۇرۇپ ھەسەلگە مىلاپ يەپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. 19 . بەزگەك كېسىلىنىڭ داۋاسى (1) بۆرە مايىقىنى كالا سۈيدىگى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە، ساقىيىپ كىتىدۇ. 20 . ئاياللارغا داۋا (1) ھەيىزى كۆپ كىلىپ توختىمىغان ئايالغا زەپە، قۇناق ئۇنى، ئىپارلارنى مۇسەللەسكە قوشۇپ ئىچۈرسە، ساقىيىدۇ. (2) ئايال كىشىنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىشتە ھەشقىپىچەك گۈلىدىن بەش باقىر « باقىر - مىسقال » نى سۇدا قاينىتىپسۈيىنى سۈزىۋېلىپ ياغ، سۈت بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، سۈت كۆپىيىدۇ. (3) ئېغىر ئاياق ئايال بوشىنالمىسا، دارچىننى سىماپ سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچسە، تۇغۇتى ئاسانلىشىدۇ. ئەگەر قوساقتىكى بالا ئۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، تېز چۈشۈپ كېتىدۇ. (4) كىمىكى قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولسا، يېرىم باقىر ئاق كۈجە بىلەن بەش باقىر « باقىر - مىسقال » قارا كۈجىنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ شورپا بىلەن ئىچسە، ياكى قورۇلغان كۈنجۈت بىلەن يار تۇزىنى ئىسسىق سۇدا ئېزىپ ئىچسە بالا ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. (5) ئايال كىشى بالىنى چۈشۈرۋېتەي دىسە، ئىت سۈتىنى ئىچسۇن بالا تېز چۈشىدۇ، ناۋادا بالا ھەمرىيى چۈشمىسە، قىچا ئۇرىقىنى كۆيدۈرۈپ چاترىقىنى ئىسلاپ بەرسە، بالا ھەمرىيى تېز چۈشۈپ كېتىدۇ. (6) كۆكسى ئىشىپ ئاغرىغان ئايال سېرىق ماڭگو، تېرىق ئۇنى، قۇلۇم گۈلى، ئاق ئۇن قاتارلىقلارنى ئادەم سۈتى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىرىنى كۆكسىگە تېڭىپ بەرسە، ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ. (7) ئايال كىشىنىڭ كىندىگى ئاغرىسا، كەندىر شېخىنى ئۈچ پارچە قىلىپ كېسىپ بىر قاچا مۇسەللەس، ئىككى قاچا سۇ بىلەن قاينىتىپ، ئىنەك يېغى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كىندىگىگە يېقىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ. (8) ئايال كىشىنىڭ قۇرسىقىدىكى بالا ئۆلۈپ قالسا __ ئىت سۈتىنى مۇسەللەس بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۈلۈك بالا تېز چۈشۈپ كېتىدۇ. ياكى بىر سەر ئىت سۈتىنى ئىچسىمۇ تېز چۈشۈپ كېتىدۇ
-
ئويغۇر تىبابىتىدىكى ئىلغار ياسالما -ئەرەق - [نادىر تەرمىلەر]
2012-04-14
ئەرەق - ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى داۋالاش سۈرئىتى تېز ، داۋالاش ئۈنۈمى يوقىرى بولغان بىر خىل سۈيۈق ياسالما . ئۇئادەتتە دورىلارنى قاينىتىپ قاينىغاندا چىققان سۇ ھورلىرىنى سوغۇق تىمپىراتۇرا تەسىر قىلدۇرۇپ قايتا سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ يىغىۋېلىپ تەييارلىنىدىغان سۈزۈك رەڭسىز سۇيۇقلۇق . بۇ ياسالما 1000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇنىڭ ئىلغارلىقى شۇيەردىكى بۇنىڭدا دورىلار تەركىبىدىكى ئۇچۇچان قىسىملارنىڭمۇ دورا تەركىبىدە مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقى مۇشۇ نۇقتىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ خىمىيە- فىزىكا تەرەققى قىلمىغان دەۋرلەردە بايقاپ كېسەللەر ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىدىدۇر . ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەرەقلەر : 1) ئەرقى بادىيان . بۇئادەتتە ئاشقازان ئۈچەيدىكى يەللەرنى ھەيدەپ قورساق ئىسىلىش ،تاماق سىڭمەسلىك ، ئاشقازان -ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ.2) ئەرقى كاسىنە : بۇ سۈيدۈكنى ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرىدۇ . 3) ئەرقى قىزىلگۈل : ئۇسسۇزلىقنى پەسەيتىپ ، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
-
ئېغىز پۇراشنى داۋالاش - [نادىر تەرمىلەر]
2012-04-14
. ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﺩﻭﺭﺳﻰ ﺋﯧﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵﺩﻭﺭﺳﯩﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘﺭﺍﻗﻨﻰ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﻳﯧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﺎﯞﯨﻜﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻙﻳﻮﻗﯩﺘﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯘﺗﯘﻡ ﺋﯩﭽﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻛﻪﻳﻨﺪﯨﻦﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﺩﻭﺭﻭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﭘﯜﺭﻛﯜﻳﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪﺳﯧﻜﯘﻧﯩﺖﻳﯘﻣﯩﻤﯩﺰ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
2. ﻟﯩﻤﻮﻥ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ. ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯘ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﯩﯔﻧﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰﺑﻮﻟﺪﯗ.ﺳﯘﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻟﯩﻤﯘﻥ ﻗﻮﺷﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯘﺭﯗﻥﭘﯜﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3. ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﻣﯧﯟﻩ – ﭼﯩﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ. ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﯧﯟﻩ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻨﻼﺭﭼﯩﺶﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﭼﯩﺶ ﻗﺎﻧﺎﺷﻨﯩﯖﻤﯘﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ.
4. ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﭼﯩﺸﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﭼﻮﺗﻜﯩﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ -
قوناق ساقىلىمۇ ئېسىل دورا - [ئسىل رىستىپلار]
2012-04-14
تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، قوناق ساقىلىدا سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، ئۆتنى جانلاندۇرۇش، قان توختىتىش، قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە پايدىلىق تەركىبلەر بار ئىكەن. ئۇ سۇلۇق ئىششىق، يۇقىرى قان بېسىم، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆت ياللۇغى ۋە زىيابىتۇس كېسەللىرىگە، بولۇپمۇ ھەرخىل كېسەللەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سولۇق ئىششىققا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدىكەن.
سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى 50g كۆممىقوناق ساقىلىنى (ھۆلىدىن 150g) 600ml ئىلمان سۇغا سېلىپ، سۇس ئوتتا 300ml ~ 400ml قالغىچە قاينىتىپ، كۈندە بىر بولاقنى 2 قېتىمغا بۆلۈپ ئىچسە بولىدۇ. ئادەتتە 10 كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى بولىدۇ، 3 داۋالاش باسقۇچى ئىچىش كېرەك.
بۆرەك ئۇنىۋېرىسال يىغىندا كېسىلى قوناق ساقىلىدىن 60g (ھۆلىدىن 150g) نى قاينىتىپ، 2 گە بۆلۈپ ئەتىگەن، كەچتە ئىچىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كالىي خلورنى ھەر قېتىمدا 1g دىن كۈندە 3 قېتىم ئىچىش كېرەك.
سەۋەبى نامەلۇم سۇلۇق ئىششىق سەۋەبى ئېنىقسىز سۇلۇق ئىششىقنى داۋالاشتا 50g قوناق ساقىلى (قۇرۇق)، 5 دانە چىلاننى قايناقسۇدا دەملەپ، كۈنىگە 1 بولاقتىن ئۇدا 1 ئاي ئىچسە، شىپا بولىدۇ -
زۇكامنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى - [ئسىل رىستىپلار]
2012-04-14
) 250گرام تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇغا بىرنەچچە سائەت چىلاپ قويغاندىن كېىيىن بىر كۈندىلا تۇرۇپنى يەپ، ئاچچىقسۇنى ئىچىپ بولۇش كىرەك. بۇ دورا تارقىلىشچان زۇكامغا باب كېلىدۇ.
2) 15گرام سامساقنى ئادالاپ سوقۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، 15مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چىنە ئۈگرىگە تېتىغۇدەك سېلىپ، ئۈگرىنى قىزىقىدا ئىچىپ، يېتىپ تەرلىنىش كېرەك. بۇ دورا ئادەتتىكى زۇكامغا باب كىلىدۇ.
3) توخۇ تۇخۇمىنى سۇغا سېلىپ، سۇنى قىزدۇرۇپ، سۇ قولنى كۆيدۈرگۈدەك بولغاندا تۇخۇمنى سۈزۈپ ئېلىپ كېسەلنىڭ قورساق، دۈمبە، پۇت- قوللىرى ئۈستىدە تېزلىك بىلەن ئون مىنۇت ئايلاندۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇل ھەركۈنى بىر قېتىم ئىشلەنسە بولىدۇ.
4) 30گرام ئاق قىچا ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بېرىش كېرەك.
5) 120گرام ئامۇت، 15گرام خام زەنجىۋىل، 15گرام سۇڭپىياز ئېقى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن سۇغا ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمى چېقىپ سېلىنىدۇ. بۇ دورىنى قىزىق پېتى ئىستېمال قىلىپ بولۇپ تەرلىنىش لازىم.
























































































